عن الحكم قال: غَلَب على الكُوفة رجُل -قد سَمَّاه- زَمَنَ ابن الأشْعَث، فأمر أبَا عُبيدة بن عبد الله أن يصلِّي بالناس، فكان يصلِّي، فإذا رَفع رأسه من الرُّكوع قام قَدْر ما أقُول: اللَّهُم ربَّنا لك الحَمد، مِلْءَ السَّماوات ومِلْءَ الأرض، ومِلْءَ ما شِئت من شَيء بعد، أهْل الثَّناء والمَجد، لا مانع لما أعْطَيت، ولا مُعْطِي لما مَنعت، ولا يَنفع ذَا الجَدِّ مِنْك الجَدِّ. قال الحَكم: فَذَكَرت ذلك لعَبد الرَّحمن بن أبي ليلى فقال: سمعت البَرَاء بن عَازب يقول: «كانت صلاة رسول الله صلى الله عليه وسلم وركُوعه، وإذا رفع رأسه من الرُّكوع، وسُجوده، وما بَيْن السَّجدتين، قريبًا من السَّوَاء» قال شُعبة: فذَكَرْتُه لِعَمرو بن مُرَّة فقال: قد رأيت ابن أبي ليلى، فلم تَكن صلاته هكذا.
[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...

ھەكەم ئېيتتى: كۇپە شەھرىگە زەمەن ئىبنى ئەشئەس ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋاقتىدا، ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى ئابدۇللاھنى كىشىلەرگە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇپ بېرىشكە بۇيرىدى، ئۇ كىشى رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە: "پەرۋەردىگارىمىز! ساڭا ئاسمانلار، زېمىن ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكىلەر تولغىچە ۋە سەن ياراتقان ۋە يارىتىدىغان بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ سانىچە ھەمدۇ-سانا ئېيتىمەن، سەن مەدھىيلەش ۋە ئۇلۇغلاشقا لايىقسەن، سەن بەرگەننى توسىۋالغۇچى يوق، سەن توسقاننى بەرگۈچى يوق، سېنىڭ دەرگاھىڭدا بايلارنىڭ بايلىقى ئەسقاتمايدۇ" دېگەن دۇئانى ئوقۇغان مىقداردا تۇراتتى، ھەكەم مۇنداق دېدى: مەن بۇ ئىشنى ئابدۇرەھمان ئىبنى ئەبى لەيلاغا سۆزلەپ بەرسەم، ئۇ كىشى مۇنداق دېدى: مەن بەرا ئىبنى ئازىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نامىزى بولسا رۇكۇسى، رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە تۇرىشى، سەجدە قىلىشى، ئىككى سەجدىنىڭ ئارىسىدا ئولتۇرىشى ئاساسەن بىر-بىرىگە يېقىن ئىدى» ، شۇئبە مۇنداق دېدى: "مەن بۇ سۆزنى ئەمرۇ ئىبنى مۇررەگە دېسەم، ئۇ كىشى: مەن ئىبنى ئەبى لەيلانى كۆرگەن، ئۇنىڭ نامىزى بۇنداق ئەمەس ئىدى دېدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

ھەدىسنىڭ مەنىسى: كۇپە شەھىرىگە زەمەن ئىبنى ئەشئەس ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋاقتىدا، ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى ئابدۇللاھنى كىشىلەرگە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇپ بېرىشكە بۇيرىدى، بۇ كىشىنىڭ ئىسمى "مەتەر ئىبنى ناجىيە "بولۇپ، ئىككىنچى بىر رىۋايەتتە مۇشۇنداق ئاتىغان، ئەبۇ ئۇبەيدە بولسا ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئوغلى، ئۇ كىشى ناماز ئوقۇغان ۋاقىتتا رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرسە: "پەرۋەردىگارىمىز! ساڭا كۆپلەپ ھەمدىلەر بولسۇن"دېگەن مىقداردا تۇردى ۋە مۇشۇ مىقتاردا دۇئا قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ، بۇ نامازنىڭ ۋاجىپلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ، ئەمما ئۇنىڭدىن ئارتۇق : "پەرۋەردىگارىمىز! ساڭا ئاسمانلار، زېمىن ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكىلەر تولغىچە ۋە سەن ياراتقان ۋە يارىتىدىغان بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ سانىچە ھەمدۇسانا ئېيتىمەن..."دېگەن دۇئانى ئوقۇش مۇستەھەب بولىدۇ، بۇ توغۇرسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئىمام سەمىئەللاھۇلىمەن ھەمىدە دېسە يەنى، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ھەمدۇ سانا ئېيتقاننى ئاڭلىغۇچىدۇر دېسە، سىلەر: پەرۋەردىگارىمىز! ساڭا كۆپلەپ ھەمدىلەر بولسۇن"دەڭلار دېگەن، پەرۋەردىگارىمىز! ساڭا كۆپلەپ ھەمدىلەر بولسۇن"دېگەن ھەم دۇئا ھەم ئېتىراپ قىلىشتۇر، يەنى ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزنىڭ تىلىكىمىزنى ئىجابەت قىلغىن، سەن بىزنى ھىدايەت قىلغان ۋە ھىدايەتكە مۇۋەپپەق قىلغانلىق ئۈچۈن ساڭا كۆپلەپ ھەمدىلەر بولسۇن، ئاسمانلار ۋە زېمىن تولغىچە دېگەن سۆز ئارقىلىق ئېيتىلىدىغان ھەمدە _سانانىڭ مىقدارىنىڭ كاتتىلىقى ۋە سانىنىڭ كۆپلىكى مەقسەت قىلىنىدۇ،بۇنىڭ مەنىسى: ئى پەرۋەردىگارىمىز! سەن مۇشۇنداق مەدھىيلەشكە لايىقسەن، ئەگەر بۇ مەدھىيلەر جىسىم بولغان بولسا ئەلۋەتتە ئاشۇنىڭ ھەممىسىنى توشقۇزاتتى دېگەنلىكتۇر، سەن ياراتقان ۋە يارىتىدىغان بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ سانىچە ھەمدۇ_سانا ئېيتىمەن، يەنى سېنىڭ كەڭرى پادىشاھلىقىڭدا بىز بىلمەيدىغان نەرسىلەرنىڭ سانىچە ھەمدۇ _سانا ئېيتىمەن، سەن مەدھىيلەش ۋە ئۇلۇغلاشقا لايىقسەن، يەنى سەن ئى پەرۋەردىگارىمىز! مۇتلەق شان_شەرەپ، ماختاش_مەدھىيلەرنىڭ ساھىبى سەن، سېنىڭ شان_شەرىپىڭ چەكسىزدۇر، سەن بەرگەننى توسىۋالغۇچى يوق، يەنى سەن بېرىشنى مەقسەت قىلساڭ ئۇنى توسىۋالغۇچى يوق، سەن توسقاننى بەرگۈچى يوق، يەنى سەن ئۆزۈڭنىڭ ئادىللىقىڭ ۋە ھېكمىتىڭ بىلەن چەكلەشنى مەقسەت قىلساڭ، سەن چەكلىگەننى بەرگۈچى يوق، سېنىڭ دەرگاھىڭدا بايلارنىڭ بايلىقى ئەسقاتمايدۇ" يەنى، سېنىڭ دەرگاھىڭدا بايلارنىڭ بايلىقى، ئابرويى ئەسقاتمايدۇ، ئۇنى سېنىڭ ئازابىڭدىن قۇتقۇزالمايدۇ، ئەجىر_ساۋاپتىن بىر نەرسىنى كۆپەيتىپ بېرەلمەيدۇ، پايدا_مەنپەئەت پەقەت سېنىڭ ئىرادەڭگە ئالاقىدار بولىدۇ، ھەكەم مۇنداق دېدى: مەن بۇ ئىشنى ئابدۇرەھمان ئىبنى ئەبى لەيلاغا سۆزلەپ بەرسەم، ئۇ كىشى مۇنداق دېدى: مەن بەرا ئىبنى ئازىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نامىزى بولسا رۇكۇسى، رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە تۇرىشى، سەجدە قىلىشى، ئىككى سەجدىنىڭ ئارىسىدا ئولتۇرىشى ئاساسەن بىر_بىرىگە يېقىن ئىدى» يەنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نامىزىنىڭ رۇكنىنىڭ(پەرىزلىرىنىڭ) ئارىسى ئازراق پەرق بولسىمۇ مىقداردا يېقىن ئىدى، قىيامدا ئۇزۇن تۇرغان بولسا، رۇكۇنىمۇ قىيامغا يېقىن ھالەتتە ئۇزۇن قىلاتتى، نامازنىڭ قالغان پەرزلىرىنىمۇ شۇنداق قىلاتتى، قىيامنى يەڭگىل قىلسا، رۇكۇنىمۇ قىيامغا يېقىن بولغان ھالەتتە يەڭگىل قىلاتتى، نامازنىڭ قالغان پەرزلىرىنىمۇ شۇنداق قىلاتتى،بۇ ھەدىس پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نامىزىنىڭ بەزى ھالەتلىرىنى بايان قىلىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەزى ۋاقىتلار نامازنى بەك ئۇزۇن ئوقۇيتتى، بۇ ھەدىسمۇ بەزى ۋاقىتتا ئوقۇلغان نامازنى ئىپادىلەيدۇ، سۆزنىڭ خۇلاسىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نامىزى ئاساسەن مىقداردا بىر-بىرىگە يېقىن ئىدى، رۇكۇ قىلىشى، رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ تۇرىشى، سەجدە قىلىشى، ئىككى سەجدىنىڭ ئارىسىدا ئولتۇرىشى مىقداردا بىر_بىرىگە يېقىن ئىدى، بەزى ۋاقىتتا قىيامدا قىرائەتنى ئۇزۇن قىلاتتى

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى كۇردچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ