ھەدىسلەر تىزىملىكى

مەن يەتتە ئەزا بىلەن سەجدە قىلىشقا بۇيرۇلدۇم دەپ
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىككى سەجدىنىڭ ئارىسىدا مۇنداق دەيتتى: «ئى ئاللاھ! مېنى مەغپىرەت قىلغىن، ماڭا رەھمەت قىلغىن، مېنى ساق-سالامەت قىلغىن، مېنى ھىدايەت قىلغىن ۋە رىزىق ئاتا قىلغىن
عربي الإنجليزية الأوردية
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ناماز باشلىغاندا قولىنى مۆرىسىنىڭ باراۋىرىدە كۆتۈرەتتى، رۇكۇغا تەكبىر ئېيتقاندا ۋە رۇكۇدىن يانغاندىمۇ شۇنداق كۆتۈرەتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مېنىڭ ئالقىنىمنى ئۆزىنىڭ ئىككى ئالقىنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ قۇرئان كەرىمدىن سۈرە ئۈگەتكەندەك تەشەھھۇتنى ئۈگەتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
سەجدىدە راۋرۇس بولۇڭلار، سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئىككى بىلىكىنى ئىتقا ئوخشاش يەرگە چاپلىۋالمىسۇن
عربي الإنجليزية الأوردية
ئەگەر ئىمام (ئامىن) دېسە سىلەرمۇ بىللە ئامىن دەڭلار، چۈنكى قانداق بىر ئادەمنىڭ ئامىن دېيىشى پەرىشتىلەرنىڭ ئامىن دېيىشىگە ئۇدۇل كېلىپ قالسا، ئۇنىڭ ئىلگىرى قىلغان گۇناھلىرى مەغپىرەت بولىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
سەجدە قىلغان ۋاقىتتا ئىككى ئالقىنىڭنى قويغىن، ئىككى جەينىكىڭنى كۆتۈرگىن
عربي الإنجليزية الأوردية
ئى ئىنسانلار! ھەقىقەتەن مەن سىلەرگە نامازنى ماڭا ئوخشاش ئادا قىلىشنى تەلىم بېرىش ئۈچۈن شۇنداق قىلدىم» دېدى
عربي الإنجليزية الأوردية
ناماز ئادا قىلماقچى بولساڭلار، سەپلىرىڭلارنى رۇس قىلىڭلار، ئۇنىڭدىن كېيىن بىرىڭلار ئىمام بولسۇن، ئۇ تەكبىر ئېيتقاندا، تەكبىر ئېيتىڭلار
عربي الإنجليزية الأوردية
مېنىڭ جېنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەم! مەن سىلەرگە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئوقۇغان نامىزىغا ئوخشايدىغان ياكى شۇنىڭغا ئەڭ يېقىن شەكىلدە ناماز ئوقۇپ بەردىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇنيادىن ئايرىلغانغا قەدەر ئوقۇغان نامىزى مۇشۇنداق ئېدى دېدى
عربي الإنجليزية الأوردية
كىشىلەرنىڭ ئەڭ ناچىرى نامازىنى ئوغۇرلىغۇچىدۇر»، ئەبۇ ھۈرەيرە: نامىزىنى قانداق ئوغۇرلايدۇ؟ دېگەن ئېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «نامازنىڭ رۇكۇ ۋە سەجدىلىرىنى تولۇق ئادا قىلمايدۇ» دېدى
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە: «سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە
عربي الإنجليزية الأوردية
ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىككى سەجدىنىڭ ئارىسىدا: «رەببىم! مېنى مەغپىرەت قىلغىن، رەببىم! مېنى مەغپىرەت قىلغىن» دەيتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
ئۇ ھىنزەپ دەپ ئاتىلىدىغان شەيتاندۇر، سەن بۇنى ھېس قىلغان ۋاقتىڭدا، ئۇنىڭ ئازدۇرىشىدىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھلىق تېلىگىن، سول تەرىپىڭگە ئۈچ قېتىم تۈفلىۋەتكىن
عربي الإنجليزية الأوردية
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نامازغا تۇرسا باشلىغاندا تەكبىر ئېيتاتتى، رۇكۇ قىلغاندا تەكبىر ئېيتاتتى، دۇمبىسىنى رۇكۇدىن كۆتەرگەن چاغدا « سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە» دەپ ئۆرە تۇراتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن تۇرۇپ، ئۇنىڭ نامىزىنى كۆزەتتىم. ئۇنىڭ قىيامدا تۇرۇشىنى، ئاندىن رۇكۇ قىلىشىنى، ئاندىن رۇكۇدىن تىك تۇرۇشىنى، ئاندىن سەجدە قىلىشىنى، ئاندىن ئىككى سەجدە ئارىسىدا ئولتۇرۇشىنى، ئاندىن يەنە سەجدە قىلىشىنى، ئاندىن سالام بېرىپ بولۇپ قوپۇپ كېتىش ئارىلىقىنى باراۋەر كەلگىلى ئاز قالغاندەك كۆردۈم
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەسچىتكە كىرگەن ئىدى، كەينىدىن بىر ئادەم كىرىپ ناماز ئوقۇدى، ئاندىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا بېرىپ سالام قىلىۋىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا: نامازنى قايتا ئوقۇغىن، چۈنكى سەن ناماز ئوقۇمۇدۇڭ، دېدى. ئۇ كىشى قايتىپ بېرىپ ئاۋالقىدەكلا ناماز ئوقۇپ كېلىپ رەسۇلۇللاھقا سالام قىلغان ئىدى. رەسۇلۇللاھ: بېرىپ نامازنى قايتا ئوقۇ، چۈنكى سەن ناماز ئوقۇمۇدۇڭ، دېدى. بۇ ئىش ئۈچ قېتىم تەكرارلانغاندىن كېيىن ھېلىقى ئادەم: سىلىنى ھەق بىلەن ئەۋەتكەن زات بىلەن قەسەمكى مەن بۇنىڭدىن ياخشىراق ئوقۇيالمايمەن ماڭا ئۈگۈتۈپ قويسىلا، دېۋىدى. رەسۇلۇللاھ: نامازغا تۇرغىنىڭدا تەكبىر ئېيىت، ئاندىن قۇرئاندىن ساڭا ئاسان بولغىنىنى ئوقۇغىن، ئاندىن رۇكۇغا بېرىپ رۇكۇدا تەمكىن تۇرغىن، ئاندىن بېشىڭنى كۆتۈرۈپ رۇس تۇرغىن، ئاندىن سەجدە قىلىپ، سەجدىدە تەمكىن تۇرغىن، ئاندىن بېشىڭنى كۆتۈرۈپ رۇس ئۆلتۈرغىن، پۈتۈن نامىزىڭدا مۇشۇنداق قىلغىن، دېدى
عربي الإنجليزية الأوردية
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قىزى زەينەبنىڭ قىزى ئۇمامەنى كۆتۈرۈپ ناماز ئوقۇيتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھبىلاردىن بىرىنى قوشۇن بېشى قىلىپ بىر يەرگە ئەۋەتتى، ئۇ كىشى نامازنىڭ ھەر ئىككىنچى رەكەتىگە «قۇل ھۇۋەللاھۇ ئەھەد» سۈرىسىنى ئوقۇدى
عربي الإنجليزية الأوردية
مەن ئىمران ئىبنى ھۇسەين بىلەن بىرگەئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئەگىشىپ ناماز ئوقۇدۇم، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: سەجدە قىلغاندا، سەجدىدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە ۋە ئىككىنچى رەكەتتىن تۇرغاندا تەكبىر ئېيتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنڭ شام نامىزىدا تۇر سۈرىسىنى ئوقۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم
عربي الإنجليزية الأوردية
مەن سىلەرگە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇپ بېرىمەن، لېكىن مەقسىدىم ناماز ئوقۇش ئەمەس. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قانداق ناماز ئوقۇغانلىقىنى كۆرگۈنۈم بويۇنچە ناماز ئوقۇپ بېرىش
عربي الإنجليزية الأوردية
ئى ئاللاھ مېنىڭ ئىلگىرى-كېيىن، ئاشكارا-يوشۇرۇن، چېكىدىن ئاشۇرۇپ قىلغان، سەن مەندىنمۇ ياخشى بىلىدىغان گۇناھلىرىمنى ئەپۇ قىلغىن!، سەن ئىلگىرىلەتكۈچى ۋە كەينىدە قالدۇرغۇچىسەن، سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر
عربي الإنجليزية الأوردية
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نامازنى باشلىغاندا تەكبىر ئېيتىپ قىرائەتنى «ئەلھەمدۇ لىللاھى رەببىل ئالەمىين» بىلەن باشلايتتى، رۇكۇ قىلغاندا دۇمبىسىنى بەك تۆۋەنمۇ قىلماي بەك ئىگىزمۇ قىلماي ئورتىھال تۇتاتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ناماز ئوقۇدۇم، ئۇ ئوڭ قولىنى سول قولىنىڭ ئۈستىگە قىلىپ، مەيدىسىگە قويدى
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نامىزى رۇكۇسى، رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە تۇرىشى، سەجدە قىلىشى، ئىككى سەجدىنىڭ ئارىسىدىكى ئولتۇرىشى ئاساسەن بىر -بىرىگە يېقىن ئىدى
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رۇكۇ قىلغاندا بارماقلىرىنىڭ ئارىسىنى ئاچاتتى، سەجدە قىلغان ۋاقىتتا بارماقلىرىنىڭ ئارىسىنى ھىم تۇتاتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامىزىنىڭ ھەر رەكىتىدە راۋۇرۇس ئولتۇرمىغىچە ئورنىدىن تۇرمايتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەشەھھۇتتا دۇئا قىلىپ ئولتۇرغاندا ئوڭ قولىنى ئوڭ يوتىسىنىڭ ئۈستىگە، سول قولىنى سول يوتىسىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئىشارەت قىلاتتى، باش بارمىقىنى ئوتتۇرا بارمىقىنىڭ ئۈستىگە قوياتتى، سول ئالقىنى بىلەن سول تىزىنى تۇتاتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
ئى ئاللاھ!، ئەيياش ئىبنى ئەبۇ رەبىيئەنى، سەلەمە ئىبنى ھىشامنى، ۋەلىد ئىبنى ۋەلىدنى ۋە ئاجىز مۆمىنلەرنى قۇتقازغىن، مۇزەر قەبىلىسىنى قاتتىق جازالىغىن، ئۇلارغا يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام دەۋرىدىكىدەك قەھەتچىلىك بەرگىن
عربي الإنجليزية الأوردية