عن أبي هريرة رضي الله عنه أنَّ النبيَّ صلى الله عليه وسلم كان إذا رفع رأسه من الركعة الآخِرة، يقول: «اللهمَّ أَنْجِ عَيَّاش بن أبي ربيعة، اللهمَّ أَنْجِ سَلَمَة بنَ هشام، اللهم أَنْجِ الوليد بن الوليد، اللهم أَنْجِ المستضعفين من المؤمنين، اللهمَّ اشْدُدْ وَطْأَتَك على مُضَر، اللهمَّ اجعلها سنين كسِنِي يوسف». وأنَّ النبيَّ صلى الله عليه وسلم قال: «غِفَارُ غفر الله لها، وأَسْلَمُ سالمها الله» قال ابن أبي الزناد عن أبيه: هذا كلُّه في الصبح.
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاخىرقى رەكەتتە رۇكۇدىن تۇرغاندا: «ئى ئاللاھ!، ئەيياش ئىبنى ئەبۇ رەبىيئەنى، سەلەمە ئىبنى ھىشامنى، ۋەلىد ئىبنى ۋەلىدنى ۋە ئاجىز مۆمىنلەرنى قۇتقازغىن، مۇزەر قەبىلىسىنى قاتتىق جازالىغىن، ئۇلارغا يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام دەۋرىدىكىدەك قەھەتچىلىك بەرگىن» دەيتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە: «غىپار قەبىلىسىنى ئاللاھ مەغپىرەت قىلسۇن، ئەسلەم قەبىلىسىنى ئاللاھ سالامەت قىلسۇن» دەيتتى، ئىبنى ئەبۇ زىناد ئۆزىنىڭ دادىسىدىن قىلغان رىۋايىتىدە: بۇنىڭ ھەممىسى بامدات نامىزىدا بولغان دېدى
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بامدات نامىزىنىڭ ئاخىرقى رەكەتتە رۇكۇدىن تۇرغاندىن كېيىن: «ئى ئاللاھ!، ئەيياش ئىبنى ئەبۇ رەبىيئەنى، سەلەمە ئىبنى ھىشامنى، ۋەلىد ئىبنى ۋەلىدنى ۋە ئاجىز مۆمىنلەرنى قۇتقازغىن» دەپ، ئاشۇ ساھابىلارنىڭ ئازابتىن قۇتۇلىشى ۋە نىجات تىپىشى ئۈچۈن دۇئا قىلاتتى، ئۇلار مەككە كاپىرلىرىغا ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان ئىدى، ئىياش ئىبنى رەبىئە ئەبۇ جەھىلنىڭ ئانا بىر قېرىندىشى بولۇپ، ئۇنى ئەبۇ جەھىل مەككىدە سولاپ قويغان، سەلەمە ئىبنى ھىشام بولسا ئەبۇ جەھىلنىڭ بىر تۇغقان قېرىندىشى بولۇپ، ئۇ بۇرۇن مۇسۇلمان بولغان، ئاللاھ يولىدا كۆپ ئازاب چەككەن ۋە ھىجرەت قىلىشتىن چەكلەنگەن، ۋەلىيد ئىبنى ۋەلىيد بولسا خالىد ئىبنى ۋەلىيدنىڭ بىر تۇغقان قېرىندىشى بولۇپ، مەككىدە قامالغان كېيىن قېچىپ چىققان. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئى ئاللاھ! مۇزەر قەبىلىسىنى قاتتىق جازالىغىن، ئۇلارغا يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام دەۋرىدىكىدەك قەھەتچىلىك بەرگىن» دەيدۇ، يەنى: ئى ئاللاھ!، مۇزەر قەبىلىسىدىن بولغان قۇرەيش كاپىرلىرىنى قاتتىق ئازابلىغىن، ئۇلارغا يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە قەھەتچىلىك بولغاندەك، ئۇلارغىمۇ يەتتە يىل ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك قەھەتچىلىك ئەۋەتىپ جازالىغىن. «وطأتك» «پۇت بىلەن دەسسەش» دېگەن مەنىسىمۇ بار بولۇپ، بۇ ھەدىسنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ، لېكىن ئېلگىركى مۇسۇلمان ئالىملارنىڭ ھېچبىرى بۇ سۈپەتنى ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىدىن ھېسابلىغانلىقىنى تاپالمىدىم، شۇڭا دەسسەش دېگەندىن قاتتىق ئازاب مەقسەت قىلىنىدۇ، ئۇ ئاللاھغا نىسبەتەن ئاللاھنىڭ قىلغانلىقى ۋە بەلگىلىگەنلىكى ئۈچۈندۇر، ئاللاھ ياخشى بىلىگۈچىدۇر. كىيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «غىپار قەبىلىسىنى ئاللاھ مەغپىرەت قىلسۇن»، بۇ دۇئا ئۇلارغا مەغپىرەت تەلەپ قىلىش بولىشىمۇ ياكى ئاللاھنىڭ ئۇلارنى مەغپىرەت قىلغانلىقىدىن خەۋەر بېرىش بولىشىمۇ مومكىن، «ئەسلەم قەبىلىسىنى ئاللاھ سالامەت قىلسۇن»، بۇمۇ ئاللاھدىن ئۇلارنى سالامەت قىلىشىغا ۋە ئۇلارغا قارشى ئۇرۇشقا بۇيرىماسلىقىغا قىلىنغان دۇئا بولىشىمۇ ياكى ئاللاھنىڭ ئۇلارنى ئۇرۇشتىن چەكلەش بىلەن سالامەت قىلغانلىقىدىن خەۋەر بېرىش بولىشىمۇ مومكىن. بۇ ئىككى قەبىلىگە خاس دۇئا قىلىنىشىدىكى سەۋەپ: غىپار قەبىلىسى بۇرۇن مۇسۇلمان بولغان، ئەسلەم قەبىلىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن تىنچ ئۆتكەن. ئەبۇ زىناد ئۆزىنىڭ دادىسىدىن رىۋايەت قىلىپ: بۇ دۇئانىڭ ھەممىسى بامدات نامىزىدا بولغان دەيدۇ، يەنى: ئۇ بۇ ھەدىسنى دادىسىدىن مۇشۇ ئىسناد بىلەن رىۋايەت قىلىپ، يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان دۇئانىڭ بامدات نامىزىدا ئوقۇلغان قۇنۇت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بەرگەن