عن ابنِ عَبَّاسٍ رضي الله عنهما عن النبيِّ صلى الله عليه وسلم قال:
«أُمِرْتُ أَنْ أَسْجُدَ عَلَى سَبْعَةِ أَعْظُمٍ: عَلَى الْجَبْهَةِ وَأَشَارَ بِيَدِهِ عَلَى أَنْفِهِ، وَالْيَدَيْنِ، وَالرُّكْبَتَيْنِ، وَأَطْرَافِ الْقَدَمَيْنِ، وَلَا نَكْفِتَ الثِّيَابَ وَالشَّعَرَ».

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
مەن يەتتە ئەزا بىلەن سەجدە قىلىشقا بۇيرۇلدۇم دەپ: پىشانىگە، قولى بىلەن بۇرنى، ئىككى قولى، ئىككى تىزى ۋە ئىككى قەدىمىنىڭ ئەتراپىغا ئىشارەت قىلدى ۋە كىيىمنى تۈرىۋالماسلىق، چاچنى بانتىلىۋالماسلىق كېرەك، دېدى

تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن سەھى بۇخارى - 812

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ نامازدا ئىنسان جىسمىدىكى يەتتە ئەزا بىلەن سەجدە قىلىشقا بۇيرىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى. ئۇ ئەزالار:
بىرىنچى: پېشانىسى، ئۇ: بۇرنى ۋە ئىككى كۆزىنىڭ ئۈستىدىكى كەڭلىك. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قولى بىلەن بۇرنىغا ئىشارەت قىلىپ پىشانە بىلەن بۇرۇننىڭ يەتتە ئەزادىن بىر ئەزا ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، سەجدە قىلغۇچىنىڭ بۇرنىنىڭ زېمىنغا تېگىشى كېرەك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى ئەزا بولسا: ئىككى قول.
تۆتىنچى ۋە بەشىنچى ئەزا بولسا: ئىككى تىز.
ئالتىنچى ۋە يەتتىنچى ئەزا بولسا: ئىككى قەدەمنىڭ بارماقلىرى.
بىز زېمىنغا سەجدە قىلغاندا چاچلىرىمىز بىلەن كىيىمىمىزنى مۇھاپىزەت قىلىپ چاچلىرىمىزنى چېگىۋالماسلىق، كىيىملىرىمىزنى بىر-بىرىگە چېگىۋالماسلىققا، بەلكى زېمىنغا تەككىدەك قويىۋېتىشكە بۇيرۇلدۇق. كىيىملىرىمىز ئەزالار بىلەن بىرگە سەجدە قىلىدۇ.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. نامازدا يەتتە ئەزا بىلەن سەجدە قىلىشنىڭ ۋاجىپلىقى.
  2. نامازدا كىيىمنى ۋە چاچنى تۈگىۋېلىشنىڭ ياخشى كۆرۈلمەيدىغانلىقى.
  3. ناماز ئادا قىلغۇچىنىڭ نامازنى تىنچ-خاتىرجەم ئادا قىلىشى ۋاجىپ بولىدۇ، بۇ سەجدە قىلىدىغان يەتتە ئەزانى زېمىنغا قويۇش بىلەن بولىدۇ، زېمىنغا ئورۇنلاشقاندىن كېيىن ئوقۇلىدىغان زىكىرلەرنى راھەت ئوقۇغىلى بولىدۇ.
  4. نامازدا چېچىنى بوغىۋېلىش ئەرلەرگە خاس بولىدۇ، چۈنكى ئاياللار نامازدا چېچىنى ئوراشقا بۇيرۇلغان.

تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

59 تىل
EN English الإنجليزية
UR اردو الأوردية
ES Español الإسبانية
ID Indonesia الإندونيسية
BN বাংলা البنغالية
TR Türkçe التركية
RU Русский الروسية
BS Bosanski البوسنية
SI සිංහල السنهالية
HI हिन्दी الهندية
ZH 中文 الصينية
FA فارسی الفارسية
VI Tiếng Việt الفيتنامية
TL Tagalog تجالوج
KU Kurdî الكردية
HA Hausa الهوسا
PT Português البرتغالية
ML മലയാളം المليالم
TE తెలుగు التلغو
SW Kiswahili السواحيلية
TA தமிழ் التاميلية
MY မြန်မာ البورمية
TH ไทย التايلندية
DE Deutsch الألمانية
JA 日本語 اليابانية
PS پښتو بشتو
AS অসমীয়া الأسامية
SQ Shqip الألبانية
SV Svenska السويدية
AM አማርኛ الأمهرية
NL Nederlands الهولندية
GU ગુજરાતી الغوجاراتية
KY Кыргызча القيرقيزية
NE नेपाली النيبالية
YO Yorùbá اليوروبا
LT Lietuvių الليتوانية
PRS دری الدرية
SR Српски الصربية
SO Soomaali الصومالية
TG тоҷикӣ الطاجيكية
RW Kinyarwanda الكينياروندا
RO Română الرومانية
HU Magyar المجرية
CS Čeština التشيكية
MOS Moore الموري
MG Malagasy المالاجاشية
OM Oromoo الأورومو
KN ಕನ್ನಡ الكانادا
WO Wolof الولوف
AZ Azərbaycan الأذربيجانية
UZ O‘zbek الأوزبكية
UK Українська الأوكرانية
KA ქართული الجورجية
MK Македонски المقدونية
KM ភាសាខ្មែរ الخميرية
BM Bambara البامبارية
PA ਪੰਜਾਬੀ البنجابية
MR मराठी الماراثية
KMR Kurmancî الكرمنجية