+ -

عن ابن عباس رضي الله عنهما:
كان النبي صلى الله عليه وسلم يقول بين السجدتين: «اللَّهمَّ اغْفِرْ لي، وارْحَمْنِي، وعافِني، واهْدِني، وارزقْنِي».

[حسن بشواهده] - [رواه أبو داود والترمذي وابن ماجه وأحمد] - [سنن أبي داود: 850]
المزيــد ...

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە:
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىككى سەجدىنىڭ ئارىسىدا مۇنداق دەيتتى: «ئى ئاللاھ! مېنى مەغپىرەت قىلغىن، ماڭا رەھمەت قىلغىن، مېنى ساق-سالامەت قىلغىن، مېنى ھىدايەت قىلغىن ۋە رىزىق ئاتا قىلغىن».

- - [سۈنەن ئەبۇ داۋۇد - 850]

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نامىزىدا ئىككى سەجدىنىڭ ئارىسىدا بەش تۈرلۈك دۇئانى قىلاتتى، بۇنىڭغا مۇسۇلمان بەك ئېھتىياجلىق بولىدۇ، بۇ دۇئا دۇنيا-ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقىنى ئۆز ئېچىگە ئالغان، مەغپىرەت تەلەپ قىلىش، گۇناھىنىڭ يوشۇرلىشى، ئەپۇ قىلىنىشى، رەھمەتنىڭ كەڭرى بولىشى، تۈرلۈك زاھىرى ۋە باتىنى كېسەللەر، شەك-شۈبھىلەردىن سالامەت بولىشى، ئاللاھ تائالادىن ھەق ئۈستىدە تەۋرەنمەستىن مۇستەھكەم قىلىشنى سورىشى، پاكىزە ھالال مال، ياخشى ئەمەل، ئىلىم ۋە ئىماننى رىزىق قىلىپ بېرىشنى سورىشىدىن ئىبارەتتۇر.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى سىنھالچە ھېندىچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە ياپونچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە شېۋىتچە تەرجىمىسى ئەمھەرىييەچە تەرجىمىسى گوللاندىيىچە تەرجىمىسى. گۇجۇراتچە تەرجىمىسى قىرغىزچە تەرجىمىسى. نىپالچە تەرجىمىسى. يورايىچە تەرجىمىسى. لىيتۇۋانىيچە تەرجىمىسى. دىررىيچە تەرجىمىسى. سىربىيچە تەرجىمىسى. سومالىيچە تەرجىمىسى تاجىكچە تەرجىمىسى. كىينىيا راۋاندىيچە تەرجىمىسى. رومانچە تەرجىمىسى. مەجەرىچە تەرجىمىسى. چىكچە تەرجىمىسى. الموري مالاگاسچە تەرجىمىسى. ئىيتالىيچە تەرجىمىسى. كاناداچە تەرجىمىسى. الولوف البلغارية ئازارىچە تەرجىمىسى ئوكرانىيچە تەرجىمىسى. الجورجية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. بۇ دۇئانى ئىككى سەجدىنىڭ ئارىسىدا ئولتۇرغاندا ئوقۇش يولغا قويۇلغان.
  2. بۇ دۇئا دۇنيا-ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقىدىن ھەممە نەرسىنى ئۆز ئېچىگە ئالغان پەزىلەتلىك دۇئادۇر.
تېخىمۇ كۆپ