ھەدىسلەر تىزىملىكى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەر پەرز نامازدىن كېيىن بۇ كەلىمىلەرنى دەيتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىككى سەجدىنىڭ ئارىسىدا مۇنداق دەيتتى: «ئى ئاللاھ! مېنى مەغپىرەت قىلغىن، ماڭا رەھمەت قىلغىن، مېنى ساق-سالامەت قىلغىن، مېنى ھىدايەت قىلغىن ۋە رىزىق ئاتا قىلغىن
عربي الإنجليزية الأوردية
ئى ئاللاھ! سەن سالامەتلىك ئاتا قىلغۇچى!، سالامەتلىك سېنىڭدىن بولىدۇ، سەن بەرىكەتلىك، سەن كاتتا ئۇلۇغ زاتسەن
عربي الإنجليزية الأوردية
ئى ئاللاھ! مەن سىلىگە سېغىنىپ قەبىر ئازابىدىن، دوزاخ ئازابىدىن، ھاياتلىقنىڭ ۋە ماماتلىقنىڭ پىتنىسىدىن، مەسىھ دەججالنىڭ پىتنىسىدىن پاناھلىق تېلەيمەن
عربي الإنجليزية الأوردية
ئى رەسۇلۇللاھ! ئاتا-ئانام سىلىگە پىدا بولسۇن، نامازلىرىدا تەكبىر بىلەن قۇرئان ئوقۇشنىڭ ئارىلىقىدا جىم تۇرغانلىرىدا نېمە دەيلا؟ دېسەم رەسۇلۇللاھ: ئى ئاللاھ! گۇناھلىرىم بىلەن مېنىڭ ئارىلىقىمنى شەرق بىلەن غەرىبنىڭ ئارىلىقىنى يېراق قىلغاندەك يېراق قىلغىن، ئى ئاللاھ! مېنى ئاق كىيىم كىردىن تازىلانغىدەك تازىلىغىن، ئى ئاللاھ! گۇناھلىرىمنى سۇ بىلەن، قار بىلەن ۋە مۆلدۈر بىلەن يۇغىن، دەيمەن، دېدى
عربي الإنجليزية الأوردية
ئى ئاللاھ، رازىلىقىڭ بىلەن غەزىبىڭدىن، سېنىڭ ئەپۇ قىلىشىڭ بىلەن ئازابىڭدىن ساقلاپ قىلىشىڭنى سورايمەن ۋە سەندىن ئۆزۈڭ بىلەن پاناھلىنىمەن، سېنى قانچىلىك مەدھىيىلىسەممۇ سەن ئۆزۈڭنى مەدھىيىلىگەندەك مەدھىلىيەلمەيمەن
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ رۇكۇ ۋە سەجدىلىرىدە، تۆۋەندىكى دۇئانى كۆپ تەكرارلايتتى: (سۇبھانەكەللاھۇممە رەببەنا ۋە بىھەمدىكە، ئاللاھۇممەغفىرلى) ئى بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز، سەن ھەممىدىن پاك ۋە پۈتۈن ھەمدۇ - سانا ساڭا خاستۇر، ئى ئاللاھ مېنىڭ گۇناھىمنى مەغپىرەت قىلغىن
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزنىڭ يېنىمىزغا چىققان ئېدى، بىز: ئەي ئاللاھنىڭ رەسۇلى! سىلىگە قانداق شەكىلدە سالام بېرىشنى تەلىم بەردىلە، سىلىگە قانداق شەكىلدە دۇرۇت يوللايمىز؟
عربي الإنجليزية الأوردية
ھەر پەرز نامازدىن كېيىن ئوقۇلىدىغان ئوتتۇز ئۈچ تەسبىھ، ئوتتۇز ئۈچ تەھمىد ۋە ئوتتۇز تۆت تەكبىر بار، بۇنى دېگەن ياكى دائىملىق ئادەت قىلغان كىشى زىيان تارتمايدۇ ۋە پۇشايمان قىلمايدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە: «سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە
عربي الإنجليزية الأوردية
ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەر پەرز نامازدىن
عربي الإنجليزية الأوردية
ئى ئاللاھ مېنىڭ ئىلگىرى-كېيىن، ئاشكارا-يوشۇرۇن، چېكىدىن ئاشۇرۇپ قىلغان، سەن مەندىنمۇ ياخشى بىلىدىغان گۇناھلىرىمنى ئەپۇ قىلغىن!، سەن ئىلگىرىلەتكۈچى ۋە كەينىدە قالدۇرغۇچىسەن، سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىدە تۇرغان ۋاقتىدا تەكبىر ئېيتاتتى، ئاندىن: «ئى ئاللاھ! سېنى ماختاش بىلەن بىرگە پاك دەپ ئىتىقاد قىلىمەن، سېنىڭ ئىسمىڭ بەرىكەتلىك، ئۇلۇغلۇقۇڭ يۈكسەك، سەندىن باشقا ئىلاھ يوق» دەيىتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نامىزى رۇكۇسى، رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە تۇرىشى، سەجدە قىلىشى، ئىككى سەجدىنىڭ ئارىسىدىكى ئولتۇرىشى ئاساسەن بىر -بىرىگە يېقىن ئىدى
عربي الإنجليزية الأوردية