+ -

عَنْ عَبْدِ الرَّحْمَنِ بْنِ أَبِي لَيْلَى قَالَ: لَقِيَنِي كَعْبُ بْنُ عُجْرَةَ، فَقَالَ: أَلاَ أُهْدِي لَكَ هَدِيَّةً؟
إِنَّ النَّبِيَّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ خَرَجَ عَلَيْنَا، فَقُلْنَا: يَا رَسُولَ اللَّهِ، قَدْ عَلِمْنَا كَيْفَ نُسَلِّمُ عَلَيْكَ، فَكَيْفَ نُصَلِّي عَلَيْكَ؟ قَالَ: «فَقُولُوا: اللَّهُمَّ صَلِّ عَلَى مُحَمَّدٍ وَعَلَى آلِ مُحَمَّدٍ، كَمَا صَلَّيْتَ عَلَى آلِ إِبْرَاهِيمَ، إِنَّكَ حَمِيدٌ مَجِيدٌ، اللَّهُمَّ بَارِكْ عَلَى مُحَمَّدٍ وَعَلَى آلِ مُحَمَّدٍ، كَمَا بَارَكْتَ عَلَى آلِ إِبْرَاهِيمَ، إِنَّكَ حَمِيدٌ مَجِيدٌ».

[صحيح] - [متفق عليه] - [صحيح البخاري: 6357]
المزيــد ...

ئابدۇراھمان بىن ئەبۇ لەيلا مۇنداق دەيدۇ: ماڭا كەئەپ بىن ئۇجرە ئۇچراپ: ساڭا بىر نەرسە ھەدىيە قىلايمۇ؟ دېدى.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزنىڭ يېنىمىزغا چىققان ئېدى، بىز: ئەي ئاللاھنىڭ رەسۇلى! سىلىگە قانداق شەكىلدە سالام بېرىشنى تەلىم بەردىلە، سىلىگە قانداق شەكىلدە دۇرۇت يوللايمىز؟دېدۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئەي ئاللاھ! مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا رەھمەت سالام يوللىغاندەك، رەھمەت سالام يوللىغىن. سەن مەدھىيەلەنگۈچى ۋە ئۇلۇغ. ئەي ئاللاھ! مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا بەرىكەت ئاتا قىلغاندەك بەرىكەت ئاتا قىلغىن، سەن ماختالغۇچى ۋە ئۇلۇغ» دەڭلار دېدى.

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

ساھابىلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن تەشەھھۇتتە «ئەي ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ساڭا ئاللاھنىڭ سالامى، رەھمىتى ۋە بەرىكىتى بولسۇن» دەپ سالام بېرىشنىڭ ئۇسۇلىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا قانداق شەكىلدە دۇرۇت يۇللاش كېرەكلىكىنى سورىغان. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارغا ئۆزىگە قانداق شەكىلدە دۇرۇت ئېيتىش كېرەكلىكى ۋە ئۇنىڭ مەنىسىنى بىلدۈردى: «ئەي ئاللاھ! مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا رەھمەت قىلغىن». يەنى: ئەي ئاللاھ! مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى دىندا ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنى ۋە ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىدىن بولغان مۇئ‍مىنلەرنى ھوزۇرۇڭدا گۈزەل ئەسلىمىلەر بىلەن ماختىغىن. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا رەھمەت سالام يوللىغاندەك، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى پەزىلەتلىك قىلغاندەك، ئۇلار: ئىبراھىم، ئىسمائىل، ئىسھاق ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى، مۇئ‍مىنلەردىن بولغان ئەگەشكۈچىلىرىدۇر، بۇ پەزلىڭنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىمۇ قېتىۋەتكىن. سەن ھەقىقەتەن مەدھىيەلەنگۈچى ۋە ئۇلۇغ. يەنى: سەن زاتىڭدا، سۈپەتلىرىڭدە، ئىش-ھەرىكەتلىرىڭدە، چەكسىز كاتتىلىقىڭدا، ھۆكۈمرانلىقىڭدا ۋە ئاتا-ئېھسانلىرىڭدا ماختالغۇچىدۇرسەن. ئەي ئاللاھ! مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا بەرىكەت ئاتا قىلغاندەك بەرىكەت ئاتا قىلغىن» يەنى ياخشىلىق، ئىززەت-ئىكرامنىڭ كاتتىسىنى زىيادىسى بىلەن بەرگىن، ئۇنى داۋاملاشتۇرغىن.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى سىنھالچە ھېندىچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ساۋاھىلچە پوشتوچە ئاسامىي شېۋىتچە تەرجىمىسى ئەمھەرىييەچە تەرجىمىسى گۇجۇراتچە تەرجىمىسى قىرغىزچە تەرجىمىسى. نىپالچە تەرجىمىسى. يورايىچە تەرجىمىسى. دىررىيچە تەرجىمىسى. سومالىيچە تەرجىمىسى مالاگاسچە تەرجىمىسى.
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. سەلەپ ئالىملىرى ئىلىم مەسىلىلىرىنى تەلەپ قىلاتتى.
  2. نامازدىن ئاخىرقى تەشەھھۇتتا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللاش ۋاجىپ بولىدۇ.
  3. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلارغا ئۆزىگە قانداق شەكىلدە دۇرۇت، سالام يوللاش كېرەكلىكىنى ئۈگەتتى.
  4. بۇ شەكىل پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت يوللاشتىكى ئەڭ مۇكەممەل شەكىلدۇر.
تېخىمۇ كۆپ