عن عبد الله بن الزبير -رضي الله تعالى عنهما- أنّه كانَ يقول: في دبر كل صلاة حين يُسلِّم «لا إله إلا الله وحده لا شريكَ له، له الملك وله الحمد وهو على كل شيءٍ قديرٌ، لا حولَ ولا قوةَ إلا بالله، لا إله إلا الله، ولا نعبد إلا إيَّاه، له النِّعمة وله الفضل، وله الثَّناء الحَسَن، لا إله إلا الله مخلصين له الدِّين ولو كَرِه الكافرون» وقال: «كان رسول الله صلى الله عليه وسلم يُهَلِّل بهن دُبُر كلِّ صلاة».
[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...

ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەيىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەر نامازدىن سالام بەرگەندىن كىيىن: «يالغۇز بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، ئۇنىڭ شېرىكى يوق، ھۆكۈمرانلىق ۋە ماختاش ئۇنىڭغا خاس، ئۇ ھەممىگە قادىر، تەدبىر ۋە قۇدرەت ئاللاھ تائالا بىلەن (ئىشقا ئاشىدۇ)، ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوق، پەقەت ئۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلىمىز، نېمەت، پەزلى-ئىھسان ۋە گۈزەل مەدھىيە ئۇنىڭغا خاس، ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوق، گەرچە كاپىرلار يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ بىز ئۇنىڭغا ئىخلاس بىلەن (ئىبادەت قىلىمىز)» دەيدىغانلىقى ۋە: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەر نامازدىن كېيىن بۇ زىكىرلەرنى ئوقۇيتتى،- دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەيىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەر پەرز نامازدىن سالام بەرگەندە بۇ ئۇلۇق زىكىرنى ئوقۇيتتى، بۇ زىكىردە ھەقىقى ئىبادەتنى بىر ئاللاھقىلا ئىسپاتلاپ، ئۇنىڭ شېرىكى بارلىقىنى ئىنكار قىلىپ، ئاشكارا-يۇشۇرۇن پادىشاھلىقنىڭ ئۇنىڭغىلا خاس ئىكەنلىكى، بارلىق ئەھۋاللاردا ماختاش ئۇنىڭغىلا لايىق ئىكەنلىكى، ھەممىگە قادىر ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان. ئۇنىڭدا يەنە بەندە ئۆزىنىڭ پەرۋەردىگارىغا ئۆزىنىڭ ئاجىز ۋە گۇناھكار ئىكەنلىكىنى، ھېچبىر كۈچ-قۇدرىتى يوقلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، يامانلىقنى توسۇشتىكى تەدبىر ۋە ياخشىلىقنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى قۇۋۋەتنىڭ پەقەت ئاللاھ تائالا بىلەن ئىشقا ئاشىدىغانلىقىنى ئىقرار قىلغان. شۇنىڭدەك بۇ مۇبارەك زىكىر يەنە نېمەتنى ئىگىسى بولغان ئاللاھقا مەنسۇپ قىلىشنى، چەكسىز كامالەت ۋە گۈزەل مەدھىيىنى ئاللاھ تائالاغا زاتىدا، سۈپەتلىرىدە، ئىش-ھەرىكەتلىرىدە، نېمەتلىرىدە ۋە بارلىق ئەھۋالدا مەنسۇپ قىلىشنى ئىچىگە ئالغان. ئاخىرىدا گەرچە بارلىق كاپىرلار ئۆچ كۆرگەن تەقدىردىمۇ بارلىق ئىشلاردا ئاللاھ تائالاغا ئىخلاس قىلىش كېرەكلىكىنى ئەسلىتىپ «ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوق» دېگەن تەۋھىد سۆزى بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان. ئاندىن ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەيىر: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامازدىن سالام بەرگەندە سورۇندىكىلەرگە تەلىم بولسۇن دەپ بۇ زىكىرلەرنى ئاۋازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ئوقۇيتتى، -دېگەن

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە ياپونچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ