عن أبي هريرة رضي الله عنه قال: كان رسول الله صلى الله عليه وسلم إذا كَبَّرَ في الصلاة سكت هُنَيْهَةً قبل أن يقرأ، فقلت: يا رسول الله، بأبي أنت وأمي، أَرَأَيْتَ سُكُوتَكَ بين التكبير والقراءة: ما تقول؟ قال: أقول: اللَّهُمَّ باعد بيني وبين خطاياي كما باعدت بين المشرق والمغرب. اللهم نَقِّنِي من خطاياي كما يُنَقَّى الثوب الأبيض من الدَّنَسِ. اللهم اغْسِلْني من خطاياي بالماء والثَّلْجِ وَالْبَرَدِ.
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نامازدا تەكبىر بىلەن قۇرئان ئوقۇش ئارىلىقىدا بىر ئاز جىم تۇراتتى، مەن: ئى رەسۇلۇللاھ! ئاتا-ئانام سىلىگە پىدا بولسۇن، تەكبىر بىلەن قۇرئان ئوقۇشنىڭ ئارىلىقىدا جىم تۇرغانلىرىدا نېمە دەيلا؟ دېسەم رەسۇلۇللاھ: ئى ئاللاھ! گۇناھلىرىم بىلەن مېنىڭ ئارىلىقىمنى شەرق بىلەن غەرىبنىڭ ئارىلىقىنى يېراق قىلغاندەك يېراق قىلغىن، ئى ئاللاھ! مېنى ئاق كىيىم كىردىن تازىلانغىدەك تازىلىغىن، ئى ئاللاھ! گۇناھلىرىمنى سۇ بىلەن، قار بىلەن ۋە مۆلدۈر بىلەن يۇيغىن، دەيمەن، دېدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نامازدا تەكبىر ئىھرام قىلغاندىن كېيىن پاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇشتىن ئىلگىرى جىم تۇراتتى. ساھابىلەر: رەسۇلۇللاھ بۇ ۋاقىتتا بىر نەرسە ئوقۇيدۇ، دەپ ئويلىدى، چۈنكى نامازنىڭ ھەممىسى زىكىر ياكى زىكىرنى ئوقۇش بىلەن ياكى ئاڭلاش بىلەن بولىدۇ، نامازدا جىم تۇرۇش يوق. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىلىمگە ۋە سوئال سوراشقا بەك ھىرىسمەن بولغانلىقىدىن، ئۇ: ئى رەسۇلۇللاھ ئاتا-ئانام سىلىگە پىدا بولسۇن! بۇ ئارىلىقتىكى جىم تۇرۇشلىرىدا نىمە ئوقۇيلا؟ دېدى. رەسۇلۇللاھ: ئى ئاللاھ! گۇناھلىرىم بىلەن مېنىڭ ئارىلىقىمنى شەرق بىلەن غەرىبنىڭ ئارىلىقىنى يېراق قىلغاندەك يېراق قىلغىن، ئى ئاللاھ! مېنى گۇناھلىرىمدىن خۇددى ئاق كىيىم كىردىن تازىلانغاندەك تازىلىغىن، ئى ئاللاھ! گۇناھلىرىمنى سۇ بىلەن، قار بىلەن ۋە مۆلدۈر بىلەن يۇغىن، دەيمەن، دېدى. بۇ دۇئا نامازدىكى بۇ ئۇرۇنغا ناھايىتى مۇناسىپ، چۈنكى ناماز ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىدىغان ئىبادەت، ناماز ئوقۇغۇچى ئاللاھ تائالاغا يۈزلىنىپ، گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىشىنى ۋە ئۇ گۇناھ بىلەن قەتئى ئۇچرىشىپ قالمايدىغان شەكىلدە يىراق قىلىۋېتىشنى تەلەپ قىلىدۇ، خۇددىى شەرىق بىلەن غەرىپ ئۇچراشمىغاندەك، ئاق كىيىمدىن كىرنى پاكىزلىغاندەك گۇناھلاردىن ئۇ كىشىنى پاك قىلىۋېتىشنى، خاتالىقلىرىنى يۇيۇپ، گۇناھ ھېرىسمەنلىكىنى بۇ ماددىلار بىلەن پەسەيتىشنى سورايدۇ. بۇ يەردە ناھايىتى ئىنچىكە ۋە ئۇيغۇن بىر ئوخشۇتۇش بار. بۇ دۇئا ئارقىلىق ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا گۇناھلىرىدىن پاك بولغان ھالدا ۋە مۇكەممەل بىر شەكىلدە تۇرىدۇ. ناماز ئوقۇغۇچى ئۈچۈن ئەڭ ئەۋزىلى ھەر خىل باشلاش دۇئالىرىنى ئوقۇپ ناماز باشلىشى كېرەك. ئەبۇ ھۇرەيرەنىڭ ھەدىسى سەھىھرەك بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن باشقا دۇئالارمۇ كەلگەن. ئاللاھ توغرىسىنى بىلگۈچى

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ساۋاھىلچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ