عن أبي هُرَيْرَةَ رضي الله عنه قال: كان رسول الله صلى الله عليه وسلم إذا قام إلى الصلاة يُكَبِّرُ حين يقوم، ثم يُكَبِّرُ حين يركع، ثم يقول: سَمِعَ اللَّه لِمَنْ حَمِدَهُ، حين يَرْفَعُ صُلْبَهُ من الرَّكْعَةِ، ثم يقول وهو قائم: ربنا ولك الحمد، ثم يُكَبِّرُ حين يَهْوِي، ثم يُكَبِّرُ حين يَرْفَعُ رأسه، ثم يُكَبِّرُ حين يَسْجُدُ، ثم يُكَبِّرُ حين يَرْفَعُ رأسه، ثم يفعل ذلك في صلاته كلها حتى يقضيها، ويُكَبِّرُ حين يقوم من الثِّنْتَيْنِ بعد الجلوس، ثم يقول: أبو هريرة «إني لأشَبَهُكم صلاة برسول الله صلى الله عليه وسلم ».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نامازغا تۇرسا باشلىغاندا تەكبىر ئېيتاتتى، رۇكۇ قىلغاندا تەكبىر ئېيتاتتى، دۇمبىسىنى رۇكۇدىن كۆتەرگەن چاغدا « سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە» دەپ ئۆرە تۇراتتى، ئاندىن ئۆرە تۇرۇپ «رەببەنا لەكەلھەمدۇ» دەيتى. سەجدىگە چۈشكەندە تەكبىر ئېيتاتتى، سەجدىدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە تەكبىر ئېيتاتتى، ئىككىنچى سەجدىگە چۈشكەندە تەكبىر ئېيتاتتى، ئاندىن بېشىنى كۆتۈرگەندە تەكبىر ئېيتاتتى، ئاندىن پۈتۈن نامىزى تۈگىگەنگە قەدەر شۇنداق قىلاتتى. ئىككىنچى رەكئەتتە ئولتۇرۇپ قوپقاندىمۇ تەكبىر ئېيتاتتى. ئاندىن ئەبۇ ھۇرەيرە: مەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى نامىزى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسللەمنىڭ نامىزىغا ئەڭ ئوخشايدىغان كىشى، دېدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

ناماز دېمەك سۆز ۋە ھەركەتلىرىمىز ئارقىلىق ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلاش، بۇ ھەدىستە نامازنىڭ شۇئارىنى بايان قىلغان، ئۇ بولسىمۇ بۈيۈكلۈك، كاتتىلىقنىڭ ئاللاھ تائالاغا خاس ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش. شۇئارى ۋە تەبىئىتى بۇ بولغان بىر ئىبادەت پەقەتلا ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلاش ۋە ھۆرمەتلەش ئۈچۈن بولغان بولىدۇ. باشلاشتىلا تەكبىر بىلەن تىك ۋە رۇس تۇرغان ھالدا باشلايدۇ، سۇرە ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن تەكبىر بىلەن رۇكۇغا چۈشىدۇ، رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە « سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە» دەپ تىك تۇرىدۇ، ئاندىن شۇ ھالدا ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا ئوقۇيدۇ، سەجدە قىلغاندا يەنە تەكبىر بىلەن قىلىدۇ، سەجدىدىن تۇرغاندىمۇ تەكبىر بىلەن تۇرىدۇ، نامىزىنىڭ قالغىنىدا تۈگكەنگە قەدەر شۇنىڭغا ئوخشاش قىلىدۇ، ئىككى تەشەھھۇدلۇق نامازدا بىرىنچى تەشەھھۇدتىن تۇرغاندا تەكبىر بىلەن تۇرىدۇ، شەرىئەت رۇكۇدىن تۇرۇشتىن باشقا ۋاقىتتىكى ھەر بىر ھەركەتتە تەكبىر ئېيتىشقا بۇيرىدى

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ