عن أبي هُريرة رضي الله عنه مرفوعًا: «إذا قلتَ لصاحبك: أَنْصِتْ يوم الجمعة والإمام يَخْطُبُ، فقد لَغَوْتَ».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئەبى ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: جۈمە كۈنى ئىمام خۇتبە سۆزلەۋاتقاندا يېنىڭدىكى كىشىگە، جىم تۇرغىن! دېسەڭمۇ، ئارتۇق سۆزلىگەن بولۇسەن
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

جۈمەنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى، ئىككى خۇتبىدۇر. بۇ خۇتبىنىڭ مەقسەتلىرى: كىشىلەرگە ۋەز - نەسىھەت قىلىش، ئۇلارنى توغرا يولغا باشلاشتىن ئىبارەتتۇر. بۇنى ئاڭلىغۇچىنىڭ ئەدەپ - ئەخلاقلىرى: نەسىھەتلەرنى چۈشۈنۈش ئۈچۈن، خاتىپنىڭ گېپىگە قۇلاق سېلىشتىن ئىبارەتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، يېنىدىكى كىشىگە، جىم تۇرغىن! دېگەنگە قەدەر ئەڭ ئەقەللى سۆزنى قىلىشنىمۇ چەكلىدى. ئىمام خۇتبە سۆزلەۋاتقان چاغدا گەپ قىلغان ئادەم ئارتۇق سۆزلىگەن بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن جۈمەنىڭ پەزىلىتىدىن مەھرۇم قالىدۇ. چۈنكى بۇ ئادەم ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى خۇتبىنى ئاڭلاشتىن مەھرۇم قىلىدىغان ئىشنى قىلدى

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە ياپونچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ