عن عبد الله بن مَسْعُود -رضي الله عنه- قال: عَلَّمَنِي رسول الله -صلى الله عليه وسلم- التَّشَهُّد، كَفِّي بين كفيه، كما يُعَلِّمُنِي السورة من القرآن: التَّحِيَّاتُ للَّه, وَالصَّلَوَاتُ وَالطَّيِّبَاتُ، السلام عليك أيها النبي ورحمة الله وبركاته، السلام علينا وعلى عباد الله الصالحين، أشهد أن لا إله إلا الله وأشهد أن محمدا عبده ورسوله». وفي لفظ: «إذا قعد أحدكم في الصلاة فليقل: التحيات لله...» وذكره، وفيه: «فإنكم إذا فعلتم ذلك فقد سَلَّمْتُمْ على كل عبد صالح في السماء والأرض ...» وفيه: « ... فَلْيَتَخَيَّرْ من المسألة ما شاء».
[صحيح.] - [متفق عليه.]
المزيــد ...

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنىڭ ئىككى ئالقىنىمنى تۇتۇپ تۇرۇپ، تەشەھھۇدنى خۇددى قۇرئاندىن بىرەر سۈرىنى ئۆگەتكەندەك ئەھمىيەت بېرىپ ئۆگەتتى، ئۇ: (ئەتتەھىيياتۇ لىللاھى، ۋەسسالاۋاتۇ ۋەتتاييىباتۇ، ئەسسالامۇ ئەلەيكە ئەييۇھەننەبىييۇ ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ، ئەسسالامۇ ئەلەينا ۋە ئەلا ئىبادىللاھىسسالىھىن، ئەشھەدۇئەللا ئىلاھە ئىللەللاھ، ۋە ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن ئەبدۇھۇ ۋە رەسۇلۇھۇ) پۈتكۈل ئۇلۇغلاش يەنى تىل، بەدەن، مال بىلەن قىلىنىدىغان بارلىق ئىبادەتلەر، گۈزەللىك ۋە بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، سالام ساڭا، ئى پەيغەمبەر! ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە بەرىكىتى ساڭا بولسۇن! بىزگە ۋە ئاللاھنىڭ بارلىق سالىھ بەندىلىرىگە ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن! ئاللاھتىن باشقا ھىچ ئىلاھنىڭ يوق ئىكەنلىكىگە ۋە مۇھەممەد ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىمەن. يەنە بىر رىۋايەتتە: سىلەرنىڭ بىرىڭلار تەشەھھۇدتا ئولتۇرغاندا: «ئەتتەھىيياتۇ لىللاھى...» نى دېسۇن. ۋە ئۇنىڭدا يەنە: ئەگەر سىلەر مۇشۇنداق قىلساڭلار، ئاسمان - زېمىندىكى پۈتكۈل سالىھ كىشىلەرگە سالام بەرگەن بولىسىلەر. ۋە ئۇنىڭدا يەنە: ئۇ كىشى ئاللاھ تائالادىن ئۆزى خالىغان نەرسىنى تىلىسۇن، دەپ كەلدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، تۆت ۋە ئۈچ رەكئەتلىك نامازدىكى بىرىنچى ۋە ئاخىرىقى قېتىملىق ئولتۇرۇشلاردا، ئىككى رەكئەتلىك نامازدا ئاخىرقى ئولتۇرۇشتا، ئوقۇلىدىغان تەشەھھۇدنى ئۇنىڭغا ئۆگىتىپ قويدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا بۇ تەشەھھۇدنى ئۆگىتىشكە ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن، ئۇنىڭ قولىنى ئۆزىنىڭ قولى بىلەن تۇتۇپ تەشەھھۇدنى ئۈگەتتى. بەشەھھۇدتا؛ ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلاشتىن باشلاپ، ئۇنى مۇتلەق ئۇلۇغلاش ۋە ئۇ زات ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قىلىنىدىغان بارلىق ئىبادەتلەرگە، يەنى سۆزدە، ئىش – پائالىيەتلەردە ۋە سۈپەتلەردە بولىدىغان بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەرگە ھەقلىق زات ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش بىلەن باشلىدى. ئاندىن ئاللاھ تائالانى مەدھىلەپ بولغاندىن كېيىن، ئىككىنچى قىلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا پۈتۈن كەمچىلىك ۋە ئاپەتلەردىن سالامەت بولۇشقا دۇئا قىلدى ۋە ئاللاھ تائالادىن ئۇنىڭغا رەھمەت ۋە ياخشىلىقلاردىن زىيادە قىلىپ بېرىشنى تىلىدى. ئاندىن ئۆزىگە ۋە شۇ يەرگە ھازىر بولغان ئىنسانلار ۋە پەرىشتىلەرگە دۇئا قىلدى. ئاندىن دۇئاسىنى، ئىنسانلار، جىنلار ۋە پەرىشتىلەردىن ئىبارەت ئاسمان ۋە زېمىن ئەھلىدىن، ئىلگىرى ئۆتكەن ۋە كېيىن كىلىدىغان ئاللاھنىڭ سالىھ بەندىلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئومۇم قىلدى. بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ جەۋامىئۇل كەلىمىسىدىندۇر. ئاندىن كەسكىن شاھادەت ئېيتىپ، ئىبادەتكە ئەڭ ھەقلىق زات ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچقانداق ھەقىقى ئىلاھنىڭ يوقلىقىنى بايان قىلغاندىن كىيىن، ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككى خىل سۈپىتىنىڭ بارلىقى، بىرسى: ئۇنىڭ بەندىچىلىك سۈپىتى. ئىككىنچىسى: ئۇنىڭ ئەلچىلىك سۈپىتى ئىكەنلىكى، ھەر ئىككىلى سۈپىتىنىڭ ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھۆرمەتلەش ۋە شەرەپلىك قىلىش بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ زاتنىڭ ھۆرمىتىنى ئىنسانلىق سۈپىتىدىن ئاشۇرۇۋەتمەستىن، ئەلچىلىك مەقامىدىن تۆۋەنلەتمەسلىكتىن ئىبارەتتۇر. تەشەھھۇدنىڭ بىر قانچە تۈرلۈك ئوقۇلۇشلىرى بولۇپ، لېكىن ئەڭ مەشھۇر ۋە ئەۋزىلى ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بۇ رىۋايتىدۇر. ئەمما باشقا رىۋايەتلەردىن سەھىھ بولغانلىرىنى ئوقۇسىمۇ بولىدۇ

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى سىنھالچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش