عن ثَوْبَانَ رضي الله عنه قال:
كَانَ رَسُولُ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ إِذَا انْصَرَفَ مِنْ صَلَاتِهِ اسْتَغْفَرَ ثَلَاثًا، وَقَالَ: «اللَّهُمَّ أَنْتَ السَّلَامُ، وَمِنْكَ السَّلَامُ، تَبَارَكْتَ ذَا الْجَلَالِ وَالْإِكْرَامِ»، قَالَ الْوَلِيدُ: فَقُلْتُ لِلْأَوْزَاعِيِّ: كَيْفَ الْاسْتِغْفَارُ؟ قَالَ: تَقُولُ: أَسْتَغْفِرُ اللهَ، أَسْتَغْفِرُ اللهَ.

[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...

سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام پەرز نامازنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۈچ قېتىم ئىستىغپار ئېيتاتتى، ۋە: « ئى ئاللاھ! سەن سالامەتلىك ئاتا قىلغۇچى!، سالامەتلىك سېنىڭدىن بولىدۇ، سەن بەرىكەتلىك، سەن كاتتا ئۇلۇغ زاتسەن» دەيتتى. ۋەلىيد مۇنداق دەيدۇ: مەن ئەۋزائىيدىن: ئىستىغپارنى قانداق ئېيتىدۇ؟ دەپ سورىسام، ئەۋزائىي: ئەستەغپىرۇللاھ!، ئەستەغپىرۇللاھ!، ئەستەغپىرۇللاھ!، دەيسەن دېدى.

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ناماز ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئەستەغپىرۇللاھ!، ئەستەغپىرۇللاھ!، ئەستەغپىرۇللاھ! دەپ ئۈچ قېتىم دەيتتى.
ئۇنىڭدىن كېيىن رەببىنى ئۇلۇغلاپ مۇنداق دەيتتى:« ئى ئاللاھ! سەن سالامەتلىك ئاتا قىلغۇچى!، سالامەتلىك سېنىڭدىن بولىدۇ، سەن بەرىكەتلىك، سەن كاتتا ئۇلۇغ زاتسەن»، تولۇق سالامەتلىك ئاتا قىلغۇچى دېگەن ئاللاھ تائالانىڭ سۈپىتىدۇر، ئاللاھ تائالا بارلىق ئەيىپ-نۇقسانلاردىن پاكتۇر، دۇنيا-ئاخىرەتنىڭ يامانلىقىدىن سالامەت قىلىش ئاللاھ تائالادىن تەلەپ قىلىنىدۇ، ئىككى دۇنيادا ئاللاھنىڭ ياخشىلىقى كۆپ بولىدۇ، ئاللاھ كاتتا ياخشىلىق ئىگىسىدۇر.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە ياپونچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. پەرز نامازدىن كېيىن ئىستىغپار ئېيتىش ۋە بۇنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.
  2. ئىستىغپارنىڭ ياخشىلىقى ئۇ ئىبادەتتىكى كەمچىللىكلەرنى تولۇقلايدۇ، تائەتتىكى نۇقساننى پۈتۈنلەيدۇ.
تېخىمۇ كۆپ