عن عبد الله بن الزُّبير رضي الله عنهما قال: «كان رسول الله صلى الله عليه وسلم إذا قَعد يَدْعُو، وضع يَده اليُمْنَى على فخِذِه اليُمْنَى، ويَده اليُسْرَى على فخِذِه اليُسْرَى، وأشَار بِإِصْبَعِهِ السَّبَّابَة، ووضَع إبْهَامَه على إِصْبَعِهِ الوُسْطَى، ويُلْقِم كَفَّه الْيُسْرَى رُكْبَتَه».
[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...

ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەشەھۇتتا دۇئا قىلىپ ئولتۇرغاندا ئوڭ قولىنى ئوڭ يوتىسىنىڭ ئۈستىگە، سول قولىنى سول يوتىسىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئىشارەت قىلاتتى، باش بارمىقىنى ئوتتۇرا بارمىقىنىڭ ئۈستىگە قوياتتى، سول ئالقىنى بىلەن سول تىزىنى تۇتاتتى»
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

ھەدىسنىڭ مەنىسى: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەشەھھۇتتا دۇئا قىلىپ ئولتۇرغاندا» بۇ ھەدىسنى مۇسلىم ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەشەھھۇت ئۈچۈن ئولتۇرغاندا، سول قولىنى سول تىزىنىڭ ئۈستىگە قوياتتى» دېگەن ھەدىس كۈچلەندۈرىدۇ. تەشەھھۇد دېگەن بۇ دۇئانى ئوقۇشتۇر: «سۆز بىلەن، بەدەن بىلەن ۋە مال-مۈلۈك بىلەن قىلىنىدىغان ئىبادەتلەر ئاللاھقا خاستۇر. ئامانلىق، ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە بەرىكىتى سىلىگە بولسۇن، ئى پەيغەمبەر!. ئامانلىق بىزگە ۋە ئاللاھنىڭ ياخشى بەندىلىرىگە بولسۇن». بۇ سۆز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۈممەتكە بولغان تىلەكنى ئۆز ئېچىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن دۇئا دەپ ئاتالدى. «تەشەھھۇتتا ئولتۇرغاندا ئوڭ قولىنى ئوڭ يوتىسىنىڭ ئۈستىگە، سول قولىنى سول يوتىسىنىڭ ئۈستىگە قوياتتى» قولىنى يوتىسىنىڭ ياكى تىزىنىڭ ئۈستىگە قويىشىدىن بولغان ھېكمەت ئۇنى بىكارچىلىقتىن توسۇشتۇر، قولىنى يوتىسىنىڭ ياكى تىزىنىڭ ئۈستىدە قويۇشتا زىتلىق يوق، چۈنكى قولىنى يوتىسىنىڭ ئۈستىگە قويغاندا بارماقلىرىنىڭ ئۈچى يوتىسىنىڭ ئەتراپىغا يېتىدۇ، نەسائى ۋە باشقا ھەدىس ئالىملىرى ۋائىل ئىبنى ھۇجر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقىل قىلغان ھەدىستە: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سول ئالقىنىنى سول يوتىسى ۋە سول تىزىنىڭ ئۈستىگە، ئوڭ جەينىكىنى ئوڭ يوتىسىنىڭ ئۈستىگە قىلاتتى»، ناماز ئوقۇغۇچى جەينىكىنى يوتىسىغا قىلسا، ئۇنىڭ بارماقلىرىنىڭ ئۇچى چوقۇم تېزىغا يېتىدۇ. نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: "ئۆلىمالار ئالقىنىنى تېزىغا ياكى تىزىنىڭ ئۈستىگە قويۇشنىڭ مۇستەھەپ ئىكەنلىكىگە بىرلىككە كەلدى، بەزىلەر قول بارماقلىرىنىڭ تىزغا يېتىشىنى ئېيتتى، بۇ «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سول ئالقىنى بىلەن تېزىنى تۇتاتتى» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى. «قولىنى قوياتتى» دېگەن سۆزدىن بولغان مەقسەت: بارماقلارنىڭ ئۇچىدىن جەينەككىچە بولغان ئارىلىق كۆزدە تۇتىلىدۇ، ھەدىسنىڭ ئىپادىسىدىن: بۇ بىرىنچى تەشەھھۇتتا بولسىمۇ ياكى ئىككىنچى تەشەھھۇتتا بولسىمۇ ئوخشاش. باش بارماقنىڭ يېنىدىكى كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئىشارەت قىلاتتى، بۇ بارماقنىڭ كۆرسەتكۈچ بارماق دەپ ئاتىلىشى: ئۇرۇشۇپ قالغاندا ئۇنىڭ بىلەن ئىشارە قىلىنىدۇ، شۇنىڭدەك تەسبىھ ئېيتقۇچى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ بىرلىكى ۋە پاكلىقىغا ئىشارەت قىلىدۇ، ئۇ تەسبىھ ھېسابلىنىدۇ. تەشەھھۇتتا ئولتۇرغاندا كۆرسەتكۈچ بارماق بىلەن ئىشارەت قىلىشنىڭ سۈننەت ئىكەنلىكى سەھىھ ھەدىسلەر بىلەن ئىسپاتلانغان، باپتا بايان قىلىنغان ھەدىسنىڭ مەزمۇنى بويىچە سۈننەت: تەشەھھۇتتا ئولتۇرغاندىن باشلاپ تەشەھھۇت ئاخىرلاشقىچە ئىشارەت قىلىشتۇر. ھەدىستە: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەشەھھۇتتا دۇئا قىلىپ ئولتۇرغاندا ئوڭ قولىنى ئوڭ يوتىسىنىڭ ئۈستىگە، سول قولىنى سول يوتىسىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئىشارەت قىلاتتى» دېيىلگەن. مۇسلىمنىڭ ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىسىدە: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەشەھھۇتتا ئولتۇرغاندا سول قولىنى سول تىزىنىڭ ئۈستىگە قوياتتى، ئوڭ قولىنى ئوڭ تىزىنىڭ ئۈستىگە قوياتتى، ئەللىك ئۈچنى چېگىپ، كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئىشارەت قىلاتتى» دېگەن. بۇنىڭ ئوخشىشىنى ئەبۇ داۋۇد ۋائىل ئىبنى ھۇجر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىپ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەشەھھۇتتا ئولتۇرغاندا سول پۇتىنى ياياتتى، سول قولىنى سول يوتىسىنىڭ ئۈستىدە، ئوڭ جەينىكىنى ئوڭ يوتىسىنىڭ ئۈستىدە قىلاتتى، ئىككى بارمىقىنى تەگكۈزۈپ يۇمۇلاق قىلاتتى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق قىلغانلىقىنى كۆردۈم دەپ، باش بارمىقى بىلەن ئوتتۇرا بارمىقىنىڭ ئۇچىنى يۇمۇلاق قىلىپ، كۆرسەتكۈچ بارماق بىلەن ئىشارەت قىلدى» دېگەن. ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: "باشقا رىۋايەتلەر بايان قىلغاندەك تەشەھھۇتتا ئولتۇرغاندىن باشلاپ شۇنداق قىلغان"، شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ ۋە دائىمىي كومىتېت ئۆلىمالىرىمۇ مۇشۇنداق پەتىۋا بەرگەن. ھەدىستىكى «باش بارمىقىنى ئوتتۇرا بارمىقىنىڭ ئۈستىگە قويدى» دېگىنى: باش بارمىقى بىلەن ئوتتۇرا بارمىقىنى يۇمۇلاق قىلىپ، كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئىشارەت قىلدى، دېمەكتۇر، يۇقىرىقى ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسىدە بارماقنى كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، كۆرسەتكۈچ بارماق بىلەن ئىشارەت قىلىشتىن بولغان مەقسەت: ھەقىقى ئىبادەت قىلىنغۇچى بىر دەپ، ئاللاھنى بىر بىلىشتە سۆز، ھەرىكەت ۋە ئېتىقادنىڭ ئارىسىنى بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر. مۇسنەد ئەھمەدتە ئىبنى ئومەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: «بۇنداق قىلىش شەيتانغا تۆمۈردىنمۇ قاتتىقراق»دېيىلگەن. «بارمىقى بىلەن ئىشارەت قىلدى» دېگەندىن بارمىقىنى ھەرىكەتلەندۈرمىگەنلىكى ئىپادىلىنىدۇ، ئىشارەت دېگەن ھەرىكەت ئەمەس. «سول قولى بىلەن سول تېزىنى چېڭ تۇتاتتى» يەنى: تېزىنى سول ئالقىنىنىڭ ئېچىگە كىرگۈزۈپ، چېڭ تۇتاتتى، ھەتتا تىزى قولىدىكى لوقمىدەك بولاتتى. ئىككىنچى خىل ھالەت: تېزىنى چېڭ تۇتماستىن، سول قولىنى سول تىزىنىڭ ئۈستىگە قويۇشتۇر، مۇسلىم ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقل قىلغان ھەدىستە: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەشەھھۇتتا ئولتۇرغاندا، ئىككى قولىنى ئىككى تىزىنىڭ ئۈستىگە قوياتتى، سول قولىنى سول تىزىنىڭ ئۈستىگە ياياتتى»دېيىلگەن، بۇنىڭغا ئاساسەن: تەشەھھۇتتا ئىككى قولىنى قويۇش توغرىسىكى سۈننەت ئىككى خىل يول بىلەن بايان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ قايسىسىنى تۇتسا سۈننەتكە ئەمەل قىلغان بولىدۇ، ئەڭ ياخشىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىگە تەڭ ئەمەل قىلىپ، بىر قېتىم ئۇنى، يەنە بىر قېتىم بۇنى قېلىش كېرەك

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى كۇردچە ھائۇساچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ