عن عائشة رضي الله عنها ، قالت: افْتَقَدْتُ النبي صلى الله عليه وسلم ذات ليلة، فَتَحَسَّسْتُ، فإذا هو راكع -أو ساجد- يقول: «سُبْحَانَك وبِحَمْدِكَ، لا إله إلا أنت» وفي رواية: فَوَقَعَتْ يَدِي على بَطن قدميه، وهو في المسجد وهما مَنْصُوبَتَانِ، وهو يقول: «اللَّهُمَّ إني أَعُوذ بِرِضَاك من سَخَطِك، وبِمُعَافَاتِكَ من عُقُوبَتِكَ، وأعُوذ بِك مِنْك، لا أُحْصِي ثَناءً عليك أنت كما أَثْنَيْتَ على نفسك».
[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:مەن بىر كېچىسى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى يوقۇتۇپ قويدۇم، ئىزدەپ باقسام ئۇ رۇكۇ قىلىپ ياكى سەجدە قىلىپ:«سېنى پاك دەيمەن، سېنى ماختايمەن، سەندىن باشقا ئىلاھ يوق» دىگەن دۇئانى قىلىۋىتىپتۇ، يەنە بىر رىۋايەتتە:مىنىڭ قولۇم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پۇتىنىڭ ئالقىنىغا تەگدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىككى پۇتىنى تىكلەپ سەجدە قىلىپ:«ئى ئاللاھ، رازىلىقىڭ بىلەن غەزىۋىڭدىن، سېنىڭ ئەپۇ قىلىشىڭ بىلەن ئازابىڭدىن ساقلاپ قىلىشىڭنى سورايمەن، سەندىن ئۆزۈڭ بىلەن پاناھلىنىمەن، مەن سېنى قانچىلىك مەدھىيىلىسەممۇ سەن ئۆزۈڭنى مەدھىيىلىگەندەك مەدھىلىيەلمەيمەن»دىگەن دۇئانى قىلىۋىتىپتۇ
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

بۇ ھەدىستە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۆزىنىڭ بىر كېچىسى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى يوقۇتۇپ قويۇپ ئۇنى ياتقان ئورنىدىن تاپالماي ئىزدىگەنلىكى، ئۆز گۇمانىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى باشقا ئاياللىرىنىڭكىگە كەتكەن ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالغانلىقى، ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى رۇكۇ قىلغان ياكى سەجدە قىلغان ھالەتتە مۇنۇ دۇئانى: «سېنى پاك دەيمەن، سېنى ماختايمەن، سەندىن باشقا ئىلاھ يوق» يەنى سېنى ساڭا لايىق بولمايدىغان ھەرقانداق نەرسىدىن پاكلايمەن، سېنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرىڭنى مەدھىيلەيمەن، سەن مۇتلەق ماختاش ۋە مەدھىيلەشكە لايىقسەن، سەندىن باشقا ئىلاھ يوق دىگەن دۇئانى ئوقۇۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلىدۇ. يەنە بىر رىۋايەتتە، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ئىزدەپ قولى پۇتىنىڭ ئالقىنىغا تەگدى، چۈنكى ئۇ ۋاقىتتا كېچىدە ئۆينى يورۇتىدىغان چېراق يوق ئىدى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ئىزدەپ قولى بىلەن سىلاشتۇرۇپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى سەجدە قىلىۋاتقان ھالەتتە تاپتى ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سەجدە قىلىپ مۇنداق دىگەنلىكىنى ئاڭلىدى:«ئى ئاللاھ، رازىلىقىڭ بىلەن غەزىپىڭدىن ساقلىنىمەن، (ھەر نەرسە ئۆزىنىڭ زىتى بىلەن ئىلاج قىلىنىدۇ) غەزەپنىڭ قارشىسى رازىلىق بولىدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى بىلەن غەزىپىدىن پاناھ تىلىنىدۇ، ئى ئاللاھ! سېنىڭ ئەپۇ قىلىشىڭ بىلەن ئازابىڭدىن ساقلاپ قىلىشىڭنى سورايمەن. يەنى سەن بىلەن سەندىن پاناھلىنىمەن، چۈنكى قۇتۇلۇش ۋە پاناھلىنىش پەقەت ئاللاھدىن ئاللاھنىڭ تەرىپىگە بولىدۇ. سىزنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئاللاھدىن باشقا ھېچكىم قۇتۇلدۇرالمايدۇ، مەن سېنى قانچىلىك مەدھىيىلىسەممۇ سىنى ساڭا لايىق مۇكەممەل شەكىلدە مەدھىيلىيەلمەيمەن، چۈنكى ھېچ قانداق بىر كىشىنىڭ ئاللاھ تائالا ئۆزىنى مەدھىيلىگەندەك ئاللاھ تائالانى مەدھىيلىشى مۇمكىن بولمايدۇ

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى سىنھالچە كۇردچە پورتۇگال تىلى ساۋاھىلچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ