عن عائشة رضي الله عنها : أن النبي صلى الله عليه وسلم كان يصلي صلاته بالليل، وهي مُعْتَرِضَةٌ بين يديه، فإذا بقي الوتر، أيقظها فأوترت. وفي رواية له: فإذا بقي الوتر، قال: «قومي فأوْتِري يا عائشة».
[صحيح] - [متفق عليه ولفظ الروايتين لمسلم]
المزيــد ...

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تەھەججۇد نامىزى ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلاردا، ئائىشە نامازنىڭ ئالدىدا توغرىسىغا ياتقان ھالدا ئۇخلايتتى، ۋىتىر نامىزى قالغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئائىشەنى ئويغۇتاتتى، ئائىشەمۇ ۋىتىر ئوقۇيتتى. يەنە بىر رىۋايەتتە: ۋىتىر قالغاندا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئى ئائىشە! تۇرۇڭ ۋىتىر ئوقۇڭ» دەيتتى دېيىلگەن
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

ھەدىسنىڭ مەنىسى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كېچىدە ناماز ئوقۇيتتى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدى تەرىپىدە توغرىسىغا ياتاتتى. بۇخارى بىلەن مۇسلىمدا بايان قىلىنغان يەنە بىر رىۋايەتتە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كېچە نامىزى ئوقۇۋاتقاندا، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن قىبلىنىڭ ئارىسىدا خۇددى جىنازە قويۇلغاندەك توغرىسىغا ياتاتتىم. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تەھەججۇت نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ، ۋىتىر نامىزى ئوقۇشتىن ئىلگىرى ئائىشەنى ئويغۇتاتتى. مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە: ۋىتىر نامىزى قالغاندا: «ئى ئائىشە تۇرۇڭ ۋىتىر ئوقۇڭ» دەيتتى. ئەبۇ داۋۇدنىڭ رىۋايىتىدە: ھەتتا ۋىتىر ئوقۇشنى مەقسەت قىلغاندا ئائىشەنى ئويغۇتاتتى، ئائىشەمۇ ۋىتىر ئوقۇيتتى دېيىلگەن. بۇنىڭ مەنىسى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئائىشەنى كېچىنىڭ دەسلىپىدە ئويغاتمايتتى، كېچىلىك نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ ۋىتىر نامىزى قالغاندا، ئائىشەنى ۋىتىر نامىزى ئوقۇۋىلىش، ۋىتىرنىڭ ۋاقتىنى ئۆتكۈزىۋەتمەسلىككە، ئويغۇنۇپلا ۋىتىر ئوقۇش ئارقىلىق ئويقۇنىڭ ھورۇنلىقىدىن غالىپ كېلىشكە رىغبەتلەندۈرەتتى

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە پورتۇگال تىلى ساۋاھىلچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ