عن أنس بن سيرين قال: «اسْتَقبَلنَا أَنَسًا حِين قَدِم مِن الشَّام، فَلَقِينَاه بِعَينِ التَّمرِ، فَرَأَيتُهُ يُصَلِّي على حِمَار، وَوَجهُهُ مِن ذَا الجَانِب -يعني عن يَسَارِ القِبلَة- فقلت: رَأَيتُك تُصَلِّي لِغَيرِ القِبلَة؟ فقال: لَولاَ أنِّي رَأيتُ رسول الله صلى الله عليه وسلم يَفْعَلُه ما فَعَلتُه».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئەنەس ئىبنى سىرىين رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: ئەنەس ئىبنى مالىك شامغا كەلگەندە بىز ئۇنى ئەينى تەمىر دېگەن جايدا كۈتىۋالدۇق، مەن ئۇنىڭ قىبلىنى سول تەرىپىدە قويۇپ ئېشەك ئۈستىدە ناماز ئوقۇغىنىنى كۆرۈپ: قىبلىگە قارىماي ناماز ئوقۇغانلىقىڭنى كۆردۈم، دېدىم، ئۇ: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمنىڭ ماڭا ئوخشاش ناماز ئوقۇغانلىقىنى كۆرگەن ئىدىم، دېدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

ئەنەس ئىبنى مالىك شامغا كەلگەندە، ئۇنىڭ پەزىلەت ئىگىسى ۋە ئالىم بولغانلىقىدىن كىشىلەر ئۇنى ئالقىشلاپ كۈتىۋالدى. مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىستە «شامغا كەلگەندە» دەپ كەلگەن، لىكىن بۇ يەردە: شامغا كېلىپ قايتار چاغدا ئۇنى كىشىلەر كۈتىۋالدى، دېگەن مەنىدە. «قايتقاندا» دېگەن سۆز ئېنىق بولغانلىقتىن قىسقارتىلغان، چۈنكى ئۇلار ئەنەس ئىبنى مالىكنى شامدىن كەلگەندە ئۇلار بەسرىدىن ئالدىغا چىقىپ كۈتىۋالغان. ھەدىس رىۋايەت قىلغۇچى (ئۇ كۈتىۋالغۇچىلارنىڭ بىرى ئىدى) ئەنەسنى ئېشەك ئۈستىدە قىبلىنى سول تەرىپىدە قىلىپ ناماز ئوقۇغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن بۇ ھەقتە سورىغاندا، ئەنەس پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمنىڭ شۇنداق قىلغانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى، ئەگەر رەسۇلۇللاھنىڭ قىلغىنىنى كۆرمىگەن بولسا ئۆزىنىڭمۇ قىلمايدىغانلىقىنى بايان قىلغان

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ