عن عبد الله بن عمرو بن العاص رضي الله عنهما عن النبي صلى الله عليه وسلم قال:
«الْكَبَائِرُ: الْإِشْرَاكُ بِاللهِ، وَعُقُوقُ الْوَالِدَيْنِ، وَقَتْلُ النَّفْسِ، وَالْيَمِينُ الْغَمُوسُ».

[صحيح] - [رواه البخاري]
المزيــد ...

ئابدۇللاھ بىن ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«چوڭ گۇناھلار: ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش، ئاتا-ئانىنى قاقشىتىش، ھەقسىز جاننى ئۆلتۈرۈش ۋە يالغان قەسەم قىلىش».

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام چوڭ گۇناھ سادىر قىلغۇچىغا دۇنيا-ئاخىرەتتە قاتتىق ئازاب ۋەدە قىلىنغان گۇناھ ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
چوڭ گۇناھلارنىڭ ئەۋۋىلى: ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشتۇر: ئۇ بولسا، ئىبادەتنىڭ تۈرلىرىدىن قايسى بىر تۈرىنى ئاللاھنىڭ غەيرىگە قىلىش، ئاللاھنىڭ ئىلاھلىقىغا، پەرۋەردىگارلىقىغا، گۈزەل ئىسىملىرى ۋە ئالى سۈپەتلىرىگە ئاللاھنىڭ غەيرىنى باراۋەر قىلىش دېمەكتۇر.
ئىككىنچىسى: ئاتا-ئانىنى قاقشىتىش: بۇ ئاغزاكى ياكى ئەمەلى ھەرىكىتى بىلەن بولسۇن ئاتا-ئانىسىغا ئەزىيەت يەتكۈزۈش ۋە ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشنى تەرك قىلىش دېمەكتۇر.
ئۈچىنچىسى: باشقىلارغا زۇلۇم ياكى دۈشمەنلىك قىلىپ بولسۇن ھەقسىز ئادەم ئۆلتۈرۈش.
تۆتىنچىسى: ئۇ ساھىبىنى چۆكتۈرىۋېتىدىغان قەسەم: ئۇ بىلىپ تۇرۇپ يالغان قەسەم قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇنداق ئاتىلىشى بۇ شەكىلدىكى قەسەم، قەسەم قىلغۇچىنى گۇناھقا ياكى دوزاخ ئازابىغا چۆكتۈرىۋېتىدۇ.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە ياپونچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. يالغان قەسەم قىلىشنىڭ گۇناھى ئېغىر ۋە خەتىرى كاتتا بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا كاپارەت يوق، پەقەت تەۋبە قىلىش لازىم بولىدۇ.
  2. ھەدىستە چوڭ گۇناھدىن تۆرتنىلا زىكىر قىلىش بولسا، ئۇنىڭ تۆرت تۈرلىك بىلەنلا توختىتىش ئەمەس بەلكى بۇ تۆرت چوڭ گۇناھنىڭ ھەممىدىن ئېغىر بولغانلىقىدۇر.
  3. گۇناھلار چوڭ ۋە كېچىك دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ، چوڭ گۇناھ دېگەن: دۇنيادا جازاسى بىكىتىلگەن، لەنەتكە ئۇچرايدىغان ياكى ئاخىرەتتە دوزاخقا كېرىش بىلەن ئازاب ۋەدە قىلىنغان گۇناھلاردۇر. چوڭ گۇناھلار ھاراملىقتا بەزىسى بەزىسىدىن پەرقلىق ۋە ئېغىر بولىدۇ. چوڭ گۇناھلاردىن باشقىلىرى كېچىك گۇناھ ھېسابلىنىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ