عن أبي هريرة رضي الله عنه مرفوعاً: «إذا اقترب الزمان لم تَكَدْ رؤيا المؤمن تكذب، ورؤيا المؤمن جزء من ستة وأربعين جزءا من النبوة». وفي رواية: «أصدقكم رؤيا، أصدقكم حديثا».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاخىرقى زامان يېقىنلاشقاندا مۆمىننىڭ چۈشى ئاسان يالغان چىقمايدۇ، مۆمىننىڭ چۈشى پەيغەمبەرلىكنىڭ 46 پارچىسىدىن بىر پارچىدۇر(بۇنداق دېگەنلىك مۆمىننىڭ كۆرگەن چۈشىنىڭ راست چىقىش تەرىپىنى دېمەكچى)»، يەنە بىر رىۋايەتتە:«ئاراڭلاردىكى چۈشى راست چىقىدىغانلار، سىلەرنىڭ راست سۆزلەيدىغىنىڭلاردۇر»دېيىلگەن
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

ھەدىسنىڭ مەنىسى: ئاخىرقى زاماندا مۆمىننىڭ كۆرگەن چۈشى مەيلى يۈز بەرگەن ئىشتىن خەۋەر بېرىش بولسۇن ياكى كېيىن يۈز بېرىدىغان ئىشتىن بىشارەت بولسۇن راست بولۇپ، بۇ خۇددى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ۋەھىيگە ئوخشاشتۇر، مۆمىننىڭ چۈشى پەيغەمبەرلىكنىڭ 46 پارچىسىدىن بىر پارچىدۇر (بۇنداق دېگەنلىك مۆمىننىڭ كۆرگەن چۈشىنىڭ راست چىقىش تەرىپىنى دېمەكچى) يەنى: مۆمىننىڭ چۈشىمۇ غەيىبتىن خەۋەر بېرىشتە پەيغەمبەرلىك ئىلمىنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ، پەيغەمبەرلىك ئاخىرلاشتى ئەمما ئۇنىڭ ئىلمى باقىدۇر. چۈشنى بۇ سانغا خاس قىلىشتىن بولغان مەقسەت: سەھىھ رىۋايەتلەردە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاتمىش ئۈچ يىل ياشىغان، پەيغەمبەرلىك مۇددىتى يىگىرمە ئۈچ يىل بولغان، چۈنكى ئۇ قىرىق ياشنى تولۇقلىغاندا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەن، پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلىشتىن ئالتە ئاي ئىلگىرى ياخشى چۈشلەرنى كۆرەتتى كۆرگەن چۈشلىرى خۇددى سۈبھىنىڭ يورۇقلىقىدەك ئوچۇق بولاتتى، ئاندىن ئويغاق ھالەتتە پەرىشتىنى كۆردى، چۈش ئارقىلىق كۆرۈلگەن ۋەھىينىڭ مۇددىتى يىگىرمە ئۈچ يىللىق ۋەھىيگە نىسبەتەن ئالتە ئاي بولدى، ئالتە ئاي يىگىرمە ئۈچ يىلنىڭ يىرىم پارچىسى بولدى، قىرىق ئالتىنىڭ بىر پارچىسى بولدى. ھەدىستىكى:«ئاراڭلاردىكى چۈشى راست چىقىدىغانلار، سىلەرنىڭ راست سۆزلەيدىغىنىڭلاردۇر»دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى: ئىنسان سۆزىدە راستچىل بولىدىكەن ئۇ كىشى ئاللاھقا يېقىن بولىدۇ، كۆرگەن چۈشلىرىمۇ كۆپ ۋاقىتلاردا راست بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇخارىنىڭ رىۋايەت قىلغان ھەدىسىدە: «ياخشى چۈش ياخشى مۆمىندىن» دېيىلگەن. ئەمما سۆزىدە راستچىل بولمايدىغان كىشى، ئاشكارا-يوشۇرۇن ئەسكى ئىشلارنى قىلىدۇ، كۆپ ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ كۆرگەن چۈشلىرى شەيتاننىڭ ئويۇنلىرىنىڭ قاتارىدىن بولىدۇ. ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: چۈشۈم راست بولسۇن دېگەن كىشى راست سۆزلىشى، ھالال يېمەك يېيىشى ۋە بۇيرۇق-چەكلىمىلەرگە تولۇق ئەمەل قىلىشى كېرەك، كامىل تەرەت ئىلىپ، قىبلىگە يۈزلىنىپ، ئۇيقۇسى كەلگىچە ئاللاھنى ياد ئېتىشى كېرەك، ئۇ كىشىنىڭ كۆرگەن چۈشى ئەلبەتتە يالغان بولمايدۇ

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ