عن جابر رضي الله عنه قال: سمعت رسول الله صلى الله عليه وسلم يقول:
«أَفْضَلُ الذِّكْرِ: لَا إِلَهَ إِلَّا اللهُ، وَأَفْضَلُ الدُّعَاءِ: الْحَمْدُ لِلهِ».

[حسن] - [رواه الترمذي والنسائي في الكبرى وابن ماجه] - [سنن الترمذي: 3383]
المزيــد ...

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم:
«زىكىرنىڭ ئەۋزىلى: لائىلاھە ئىللەللاھۇ، دۇئانىڭ ئەۋزىلى: ئەلھەمدۇ لىللاھ».

[ھەسەن(ھەدىسنى سەھىھ قىلىدىغان تۆت شەرتى تولۇق بولۇپ بەشىنچى شەرتىدە مەسىلە بولسا ھەسەن بولىدۇ)] - [رواه الترمذي والنسائي في الكبرى وابن ماجه] - [سۈنەن تىرمىزى - 3383]

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزگە، زىكىرنىڭ ئەۋزىلىنىڭ: لائىلاھە ئىللەللاھۇ ئىكەنلىكىنى يەنى: ئاللاھدىن باشقا ھەقىقى مەبۇد يوق دېمەكتۇر. دۇئانىڭ ئەۋزىلى بولسا: ئەلھەمدۇ لىللاھ دېمەكتۇر، چۈنكى ئۇ نېمەت بەرگۈچىنى ئېتىراپ قىلىش، ئۇ بولسىمۇ: مۇكەممەل، گۈزەل سۈپەتلەرگە ھەقلىق بولغان, ئەيىپ-نۇقسانلاردىن پاك بولغان ئاللاھ ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بەردى.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. تەۋھىد كەلىمىسى بىلەن ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلىشقا، ئاللاھقا ھەمدە ئېيتىش بىلەن دۇئا قىلىشغا رىغبەتلەندۈرۈشتۇر.
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تىل: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تېخىمۇ كۆپ (67)
تېخىمۇ كۆپ