عن أبي هُرَيْرَةَ رضي الله عنه قال: كان رسول الله صلى الله عليه وسلم يدعو: اللَّهُمَّ إني أعوذ بك من عذاب القبر، وعذاب النار، ومن فتنة الْمَحْيَا وَالْمَمَاتِ، ومن فتنة الْمَسِيحِ الدَّجَّالِ». وفي لفظ لمسلم: «إذا تَشَهَّدَ أحدكم فَلْيَسْتَعِذْ بالله من أَرْبَعٍ، يقول: اللهُمَّ إني أعوذ بك من عذاب جَهَنَّم...». ثم ذكر نحوه.
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئەبى ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دۇئا قىلاتتى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دۇئا قىلاتتى: ئى ئاللاھ! قەبرە ئازابىدىن، دوزاخ ئازابىدىن، ھايات ۋە ماماتنىڭ پىتنىلىرىدىن ۋە مەسىھ دەججالنىڭ پىتنىلىرىدىن ساڭا سىغىنىپ پاناھ تىلەيمەن. ئىماما مۇسلىم رىۋايەت قىلغان يەنە بىر رىۋايەتتە: ئەگەر سىلەرنىڭ بىرەرسىڭلار تەشەھھۇدتا ئولتۇرغاندا، ئاللاھتىن سېغىنىپ تۆت ئىشتىن پاناھ تىلىسۇن! دېسۇنكى: ئى ئاللاھ! جەھەننەمنىڭ ئازابىدىن...ساقلىنىش ئۈچۈن ساڭا سېغىنىپ پاناھ تېلەيمەن. ئاندىن قالغان يىرى يۇقىرىدىكىگە ئوخشايدۇ
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالادىن تۆت نەرسىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن پاناھ تىلىدى ۋە بىزنىمۇ نامازدا تەشەھھۇدتا ئولتۇرغاندا ئاشۇ تۆت نەرسىدىن پاناھ تىلەشكە بۇيرىدى. ئۇلار: قەبرە ئازابىدىن، دوزاخ ئازابىدىن، ھاياتى دۇنيانىڭ شەھۋىتى ۋە شۈبھىلىرىدىن، ئۆلۈم ۋە مەسىھ دەججالنىڭ پىتنىلىرىدىن ئىبارەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇلارنىڭ خەتىرىنىڭ يامان بولغانلىقى ئۈچۈن مەزكۇر ئىشلاردىن پاناھ تىلىدى. قەبرىنىڭ پىتنىلىرى بولسا ئۇنىڭدىكى ئازاپقا سەۋەپچى بولىدۇ. ۋە ھاياتلىقنىڭ پىتنىلىرى بولسا، ئۆزى ناھەق يولدا تۇرۇغلۇق، كىشىلەرگە ھەقنىڭ ساختا تونىنى كىيىۋېلىپ كۆرۈنىدۇ. ئاخىرى زاماندا ئوتتۇرىغا چىقىشى سەھىھ ھەدىسلەردە بايان قىلىنغان ئەڭ چوڭ پىتنە، مەسىھ دەججالنىڭ پىتنىسىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ مەخسۇس زىكىر قىلىندى

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە ساۋاھىلچە تامىلچە تايلاندچە پوشتوچە ئاسامىي السويدية الأمهرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ