عن جابر رضي الله عنه قَالَ: كُنَّا إِذَا صَعِدْنَا كَبَّرْنَا، وَإِذَا نَزَلْنَا سَبَّحْنَا. عن ابن عمر رضي الله عنهما قالَ: كانَ النبيُّ صلى الله عليه وسلم وجيُوشُهُ إِذَا عَلَوا الثَّنَايَا كَبَّرُوا، وَإِذَا هَبَطُوا سَبَّحُوا.
[صحيحان] - [حديث جابر -رضي الله عنه- رواه البخاري. حديث ابن عمر -رضي الله عنهما- رواه أبو داود]
المزيــد ...

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: ئەگەر بىز ئىگىزلىككە چىقساق: ئاللاھۇ ئەكبەر، پەسكە چۈشسەك: سۇبھاناللاھ دەيتتۇق. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋە قوشۇنلىرى قاچانكى بىرەر داۋانغا ئۆرلىسە: ئاللاھۇ ئەكبەر، پەسكە چۈشسە: سۇبھاناللاھ، دەيتتى
ھەدىس ئىككىلا ئىسناد بىلەن سەھىھ - بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

ئۈستۈنگە ئۆرلىگەندە ۋە يۇقىرى ئورۇنلارغا چىققاندا تەكبىر ئېيتىش ئىنسان قەلبىگە ياخشى كۆرۈلىدىغان ئىش، چۈنكى يۇقىرىغا چىققان كىشىدە چوڭلۇق تۇيغۇسى ئىپادىلىنىدۇ، ئۆزىدە بىر خىل كاتتىلىقنى ھېس قىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئاددى، ئەرزىمەس ئىنسان ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشى ئۈچۈن ئاللاھ كاتتىدۇر دەيدۇ، ئاللاھنىڭ كاتتىلىقى بولسا ئاللاھ تائالا ھەممە نەرسىدىن كاتتىدۇر. (شۇنىڭ ئۈچۈن يۇقىرى ئورۇنغا ئۆرلىگەن كىشىنىڭ ئاللاھنىڭ كاتتىلىقىنى ئەسلىشى يولغا قويۇلغان) ئۆزىنىڭ يۇقىرىغا ئۆرلىگەنلىكىگە تەشەككۈر ئېيتىش ئۈچۈن ۋە ئاللاھنىڭ پەزلىنى زىيادە قېلىپ بېرىشى ئۈچۈن تەكبىر ئېيتىدۇ. يۇقىرىدىن تۆۋەنگە چۈشكەندە تەسبىھ ئېيتىشتىكى سەۋەب: يۇقىرىدىن تۆۋەن تارچىلىق بولىدۇ، شۇ سەۋەبتىن تۆۋەنگە چۈشكەندە تەسبىھ ئېيتىش يولغا قويۇلغان، چۈنكى تەسبىھ ئېيتىش بىلەن قىسىنچىلىق يوق بولىدۇ. يۈنۈس ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەقەلىكىدىمۇ يۈنۈس ئەلەيھىسسالام زۈلمەتتە تۇرۇپ ئاللاھ تائالاغا تەسبىھ ئېيتقان، ئاللاھ تائالا ئۇنى بۇ غەمدىن قۇتقۇزغان، تۆۋەنگە چۈشۈش بولسا خارلىققا يېقىن، شۇڭا تۆۋەنگە چۈشكەندە سۇبھاناللاھ دەيدۇ، ئاللاھ تائالا بارلىق ئەيىپ-نۇقسانلاردىن، تۆۋەن بولۇشتىن پاكتۇر، چۈنكى ئاللاھ تائالا ھەممە نەرسىنىڭ ئۈستىدىدۇر. شۇنىڭدەك ئايروپىلاننىڭ ھاۋاغا ئۆرلىشى ۋە تۆۋەنگە ياكى زېمىنغا چۈشۈشىنىڭ ئارىسىدا پەرق يوق تۇرۇغلۇق، ئايرۇپىلان يۇقىرىغا ئۆرلىگەندە تەكبىر، ئايدۇرۇمغا چۈشكەندە تەسبىھ ئېيتىلىدۇ. ئاللاھ تائالا توغرا ئىشقا مۇۋەپپەق قىلسۇن

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى سىنھالچە كۇردچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ