عن أبي هريرة رضي الله عنه: أن رسول الله صلى الله عليه وسلم قال:
«لَا تَجْعَلُوا بُيُوتَكُمْ مَقَابِرَ، إِنَّ الشَّيْطَانَ يَنْفِرُ مِنَ الْبَيْتِ الَّذِي تُقْرَأُ فِيهِ سُورَةُ الْبَقَرَةِ».

[صحيح] - [رواه مسلم] - [صحيح مسلم: 780]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«ئۆيۈڭلارنى قەبرىستانلىققا ئوخشاش قىلىۋالماڭلار، ھەقىقەتەن شەيتان بەقەرە سۈرىسى ئوقۇلغان ئۆيدىن ئۈركۈپ قاچىدۇ».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان] - [سەھى مۇسلىم - 780]

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيىھىسسالام ئۆيلەرنى نامازدىن خالى قويۇپ خۇددى ناماز ئادا قىلىنمايدىغان قەبرىستانلىققا ئوخشاش قىلىۋېلىشتىن چەكلىگەن.
ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شەيتاننىڭ بەقەرە سۈرىسى ئوقۇلغان ئۆيدىن ئۈركۈپ قاچىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەرگەن.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. ئۆيلەردە نەپلە ناماز، ئىبادەت ۋە زىكىرلەرنى كۆپ قىلىشنىڭ ياخشىلىقىنى بايان قىلىدۇ.
  2. قەبرىستانلىقتا ناماز ئادا قىلىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇنداق قىلىش بولسا، قەبرە ساھىبى توغرىسىدا چەكتىن ئىشىپ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشكە ۋاستە بولۇپ قالىدۇ، جىنازە نامىزى ئادا قىلسا بولىدۇ.
  3. قەبىرنىڭ يېنىدا ناماز ئادا قىلىشتىن چەكلەش ساھابىلارنىڭ ھەممىسىدە ئەمەلىيلەشتى، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسلام ئۆيلەرنى ناماز ئوقۇلمايدىغان قەبرىستانلىققا ئوخشاش قىلىپ قويۇشتىن چەكلىدى.
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تىل: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تېخىمۇ كۆپ (62)
تېخىمۇ كۆپ