ھەدىسلەر تىزىملىكى

قۇرئان كەرىمنى تەكرار قىلىپ تۇرۇڭلار، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ جېنى قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى! قۇرئان كەرىمنىڭ ئىنسان قەلبىدىن قېچىشى باغلاقتىن قاچقان تۆگىنىڭ قىچىشىدىنمۇ تىزدۇر
عربي الإنجليزية الأوردية
سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار قۇرئان ئۈگەنگەن ۋە ئۈگەتكەنلىرىڭلاردۇر
عربي الإنجليزية الأوردية
ئۆيۈڭلارنى قەبرىستانلىققا ئوخشاش قىلىۋالماڭلار، ھەقىقەتەن شەيتان بەقەرە سۈرىسى ئوقۇلغان ئۆيدىن ئۈركۈپ قاچىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
كىمكى كېچىدە بەقەرە سۈرىسىنىڭ ئاخىرىدىن ئىككى ئايەتنى ئوقۇسا بۇ ئىككى ئايەت ئۇ كىشىنىڭ ھەممە ئىشلىرىغا كۇپايە قىلىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
كىمكى ئاللاھنىڭ كىتابىدىن بىر ھەرپ ئوقۇسا ئۇنىڭغا بىر ياخشىلىق بولىدۇ، بىر ياخشىلىق ئون ھەسسىگە كۆپەيتىلىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: مەن نامازنى ئۆزۈم بىلەن بەندەم ئارىسىدا يېرىمدىن تەقسىم قىلدىم، بەندەمگە سورىغاننى بېرىمەن
عربي الإنجليزية الأوردية
قۇرئان ئوقۇيالايدىغان مۇئ‍مىن پورتۇقالغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ پۇرىقى تاتلىق ۋە تەمىمۇ تاتلىق، قۇرئان ئوقۇيالمايدىغان مۇئ‍مىن خورمىغا ئوخشايدۇ، خورمىنىڭ پۇرىقى يوق، تەمى تاتلىق
عربي الإنجليزية الأوردية
كىمكى سۈرە كەھپنىڭ بېشىدىن ئون ئايەت ياد ئالسا دەججالدىن ساقلىنىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
قۇرئان ياد قىلغۇچى ئۈچۈن: ئوقۇغىن، يۇقىرى ئۆرلىگىن، دۇنيادا قۇرئان كەرىمنى تەرتىل بىلەن تىلاۋەت قىلغاندەك تىلاۋەت قىلغىن، ھەقىقەتەن سېنىڭ ئورنۇڭ سەن تىلاۋەت قىلغان ئەڭ ئاخىرقى ئايەتكىچە بولىدۇ، دېيىلىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
ئى مۇنزىرنىڭ ئاتىسى! ئاللاھنىڭ كىتابىدىن سەن بىلەن بولغان ئەڭ كاتتا ئايەتنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟دېدى، مەن: بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر؛ ئاللاھنىڭ ھاياتلىقى ئەبەدىيدۇر، ھەممىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر»دېدىم. [سۈرە بەقەرە 255-ئايەت]. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مېنىڭ مەيدەمگە ئۇرۇپ تۇرۇپ :«ئاللاھ بىلەن قەسەم! ئى ئابا مۇنزىر! ئىلىم ساڭا ئاسان بوپتۇ» دېدى
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەر كېچىسى ياتىدىغان ئورنىغا كەلگەندە، ئىككى ئالقىنىنى جۈپلەپ ئۇنىڭغا سۈپلەپ ئىخلاس سۈرىسى، قۇل ئەئۇزۇ بىرەببىل پەلەق، قۇل ئەئۇزۇ بىرەببىن ناس
عربي الإنجليزية الأوردية
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھبىلاردىن بىرىنى قوشۇن بېشى قىلىپ بىر يەرگە ئەۋەتتى، ئۇ كىشى نامازنىڭ ھەر ئىككىنچى رەكەتىگە «قۇل ھۇۋەللاھۇ ئەھەد» سۈرىسىنى ئوقۇدى
عربي الإنجليزية الأوردية
جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئولتۇرغاندا ئۈستى تەرەپتىن بىر ئاۋازنى ئاڭلىدى
عربي الإنجليزية الأوردية
بىراۋنىڭ «پالانى-پالانى ئايەتنى ئۇنتۇلۇپ قالدىم» دېيىشى نېمىدېگەن يامان؟! ئەمەلىيەتتە، ئۇ ئۇنتۇلدۇرۇلغان، شۇڭا قۇرئاننى داۋاملىق ئوقۇپ تۇرۇڭلار، چۈنكى ئۇ كىشىلەرنىڭ ئىسىىدىن چارۋىلار باغلاقتىن قاچقاندىنمۇ تىز قاچىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية