عن عثمان رضي الله عنه عن النبي صلى الله عليه وسلم قال:
«خَيْرُكُمْ مَنْ تَعَلَّمَ الْقُرْآنَ وَعَلَّمَهُ».

[صحيح] - [رواه البخاري] - [صحيح البخاري: 5027]
المزيــد ...

ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار قۇرئان ئۈگەنگەن ۋە ئۈگەتكەنلىرىڭلاردۇر».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان] - [سەھى بۇخارى - 5027]

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى ۋە دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولغىنىنى بايان قىلىپ: ئۇ، قۇرئان كەرىمنى ئۆلچەملىك ئوقۇش، ياد قىلىش، چۈشىنىش ۋە ئىزاھلىرىنى ئۈگىنىش، ئۆزى ئۈگەنگەن قۇرئان كەرىم بىلىملىرىنى باشقىلارغا ئۈگىتىش بىلەن بىرگە ئەمەل قىلغان كىشىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بەردى.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. بۇ ھەدىستە قۇرئان كەرىمنىڭ سۆزلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى، ئۇ ئاللاھنىڭ سۆزى ئ‍ىكەنلىكتىن ئىبارەت قۇرئان كەرىمنىڭ شەرىپىنى بايان قىلىش.
  2. ئۈگەنگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئۆزى ئۈگىنىپلا توختىماستىن باشقىلارغىمۇ ئۈگەتكەن كىشىدۇر.
  3. قۇرئان كەرىمنى ئۈگىنىش ۋە ئۈگىتىش ئۇنىڭ تىلاۋەت، مەنا ۋە ھۆكۈملىرىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تىل: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تېخىمۇ كۆپ (63)
تېخىمۇ كۆپ