عن أبي هريرة رضي الله عنه مرفوعًا: «تُعْرَضُ الأعمالُ يومَ الاثنين والخميس، فَأُحِبُّ أَنْ يُعْرَضَ عَملي وأنا صائم».
وفي رواية: «تُفْتَحُ أبوابُ الجَنَّةِ يومَ الاثنين والخميس، فَيُغْفَرُ لكلِّ عبد لا يُشْرِكُ بالله شيئا، إِلا رجلا كان بينه وبين أخيه شَحْنَاءُ، فَيُقَالُ: أَنظِروا هذيْن حتى يَصْطَلِحَا، أنظروا هذين حتى يصطلحا».
وفي رواية: «تُعْرَضُ الأَعْمَالُ في كلِّ اثْنَيْنِ وَخَميسٍ، فَيَغْفِرُ اللهُ لِكُلِّ امْرِئٍ لا يُشْرِكُ بالله شيئاً، إِلاَّ امْرَءاً كانت بينه وبين أخِيهِ شَحْنَاءُ، فيقول: اتْرُكُوا هذَيْنِ حتى يَصْطَلِحَا».
[صحيح] - [حديث أبي هريرة الأول رواه الترمذي.
والحديثان الآخران هما حديث واحد، رواه مسلم، وكرر لفظة: "أنظروا هذين حتى يصطلحا" ثلاثاً]
المزيــد ...
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ئەمەللەر پەيشەنبە ۋە دۈشەنبە كۈنلىرى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كۆتۈرۈلىدۇ. مەن ئەمەللىرىمنىڭ روزىدار ھالىتىمدە كۆتۈرۈلۈشىنى ياخشى كۆرىمەن. يەنە بىر رىۋايەتتە: جەننەتنىڭ ئىشىگى دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى ئېچىلىدۇ، ئۇ كۈندە ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرمىگەن ۋە قېرىندىشىغا ئاداۋەت ساقلىمىغان كىشىلەرگە مەغپىرەت قىلىنىدۇ، دېيىلىدۇ: ھەتتاكى ئۇلار ئەپلەشكەنگە قەدەر ئاداۋەت ساقلىغان ئىككى كىشىگە مۆھلەت بىرىڭلار، ھەتتاكى ئۇلار ئەپلەشكەنگە قەدەر بۇ ئاداۋەت ساقلىغان ئىككى كىشىگە مۆھلەت بىرىڭلار. يەنە بىر رىۋايەتتە ئەمەللەر دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى كۆتۈرلىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۆزىگە شېرىك كەلتۈرمىگەن كىشىلەرگە مەغپىرەت قىلىدۇ، پەقەت قېرىندىشى بىلەن ئاداۋەت ساقلىغان ئىككى كىشىگە: بۇ ئىككىسى ئەپلەشكەنگە قەدەر ئۇلارنى قويۇپ قويۇڭلار، دەيدۇ
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
«ئەمەللەر كۆتۈرۈلىدۇ» يەنى ئاللاھ تائالانىڭ ھۆزۈرىغا كۆتۈرۈلىدۇ، دېگەن مەنىدە. «مەن ئەمەللىرىمنىڭ روزىدار ھالىتىمدە كۆتۈرۈلۈشىنى ياخشى كۆرىمەن» يەنى جەننەتتىكى دەرىجەمنىڭ يۇقىرى بولىشى، كۆپ ساۋابقا ئىرشىشىم ئۈچۈن، دېگەن مەنىدە. يەنە بىر ئىبارىدە: «جەننەتنىڭ ئىشىگى دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى ئېچىلىدۇ» دەپ كەلگەن. بۇ ھەقىقەت مەنىسىدە. چۈنكى توغرا كۆز قاراشتا جەننەتنى ئاللاھ تائالا يارتىپ بولغان. «ئۇ كۈندە ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرمىگەن كىشىلەرگە مەغپىرەت قىلىنىدۇ» بۇ پەقەت كىچىك گۇناھلارغا قارىتا دېيىلگەن. ئەمما چوڭ گۇناھلارغا تەۋبە قىلىش لازىم. «پەقەت بىر ئەر» دەپ كەلگەن، يەنى بىر ئىنسان، دېمەكچى. «قېرىندىشى بىلەن» دېگىنى ئىسلامى قېرىنداشلىقنى دېمەكچى. «ئارسىدا ئاداۋەت» دېگىنى خاپىلىق ۋە ئازارلىشىش دېمەكچى. «مۆھلەت بىرىڭلار» بۇ سۆزنى ئاللاھ تائالا مالائىكىلەرگە دېگەن. يەنى گۇناھنى يېزىشنى كىچىكتۈرۈڭلار ۋە ئۇنىڭ تەۋبە قىلىشىغا پۇرسەت بېرىڭلار، دېگەن مەنىدە. «بۇ ئىككىسى» ئاداۋەت ساقلىغان بۇ ئىككى كىشى، ئۇلارنى ئەيىپلەپ ياكى گۇناھلىرىنى ئەيىپلىگەن مەنىدە. «ھەتتاكى ئۇلار ئەپلەشكەنگە قەدەر» يەنى ئۇلار ئارىسىدىكى ئاداۋەت تۈگىگەن، يوقالغانغا قەدەر. بۇ ئىبارە، مۇسۇلمان كىشى بىر قېرىندىشى بىلەن ئاداۋەتلەشكەن بولسا بۇنى يوقىتىشقا ئالدىراش كېرەكلىكىنى، ھەتتا بۇ ئىشتا غورۇرىغا قارشى ئىش قىلىش ۋە كۆڭلىگە ئېغىر كېلىدىغان ئىشلار بولسىمۇ ئۇنىڭغا سەبىر قىلىش، ئاللاھ تائالادىن ئەجىر-ساۋابنى كۆزلەش كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ياخشىلىققا ئېلىپ بارىدۇ ۋە يەنە ئىنسان بىر ئىشتا ياخشىلىق ۋە ساۋاب مۇكاپات بارلىقىنى بىلسە ئۇنىڭغا ئاسان بىلىنىدۇ، شۇنىڭدەك يەنە بىر ئىشتا جازا ۋە تەھدىت بارلىقىنى بىلسە ئۇنى تاشلاش ۋە يىراق تۇرۇش ئاسانغا توختايدۇ