عن أنس رضي الله عنه قال: كان رسول الله صلى الله عليه وسلم يُفْطِرُ من الشهر حتى نظن أن لا يصوم منه، ويصوم حتى نظن أن لا يُفْطِرَ منه شيئا، وكان لا تَشَاءُ أن تراه من الليل مُصَلِيًا إلا رأيتَه، ولا نائما إلا رأيتَه.
[صحيح] - [رواه البخاري]
المزيــد ...

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەزى ئايلاردا ھەتتا بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئايدا روزا تۇتمايدىغان ئوخشايدۇ دەپ گۇمان قىلىپ قالغۇدەك ھالدا روزىسىز يۈرەتتى، بەزى ئايلاردا شۇنداق روزا تۇتاتتىكى ھەتتا بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئاينى بىرەر كۈنمۇ روزا تۇتماي ئۆتكۈزمەيدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالاتتۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كېچىسى ناماز ئوقۇۋاتقان ھالەتتە كۆرەي دېسەڭ، ناماز ئوقۇۋاتقان ھالەتتە كۆرەلەيتتىڭ، ئۇخلىغان ھالەتتە كۆرەي دېسەڭ ئۇخلاۋاتقان ھالەتتە كۆرەتتىڭ
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

ھەدىسنىڭ مەنىسى: ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نەپلە روزىسى، قىيامدا تۇرىشى قاتارلىق شەخسى ئەھۋاللىرىدىن خەۋەر بېرىدۇ، ئۇنىڭ دېيىشچە: بەزى ئايلاردا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئېغىزى ئوچۇق بولۇپ، بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆپ ئىپتار قىلغانلىقىغا قاراپ، بۇ ئايدا نەپلە روزا تۇتمايدىكەن دەپ ئويلاپ قالاتتۇق، بەزى ئايلاردا نەپلە روزىنى شۇنداق كۆپ تۇتاتتىكى، ھەتتا بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئايدا تولۇق روزا تۇتىدىكەن دەپ ئويلاپ قالاتتۇق، شۇنىڭدەك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىلىك نامازنى مەلۇم بىر ۋاقىتتا بېكىتمەيتتى، بەلكى بەزى كېچىنىڭ دەسلىپىدە، بەزى كېچىنىڭ ئوتتۇرسىدا، بەزى ۋاقىتتا كېچىنىڭ ئاخىرىدا ئوقۇيتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كېچە ناماز ئوقۇۋاتقان ھالەتتە كۆرۈشنى ياقتۇرىدىغانلار ئۇنى كېچىدە ناماز ئوقۇۋاتقان ھالەتتە، كېچىدە ئۇخلىغان ھالەتتە كۆرۈشنى ياقتۇرىدىغانلار ئۇخلىغان ھالەتتە كۆرەلەيتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىلغان ئەمىلى سەل قاراش بىلەن چەكتىن ئاشۇرۋېتىشنىڭ ئارىسىدا ئىدى

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى كۇردچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ