عن أبي جُرَيٍّ الْهُجَيْمِيِّ رضي الله عنه قال: أتيت رسول الله صلى الله عليه وسلم فقلت: عليك السلام يا رسول الله. قال: «لا تَقُلْ عليك السلام؛ فإن عليك السلام تحيَّة المَوْتَى».
[صحيح] - [رواه أبو داود والترمذي والنسائي في الكبرى]
المزيــد ...

ئەبۇ جۈرەي ئەلھۈجەيمى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا كېلىپ: ئەلەيكەسسالام ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەلەيكەسسالام دېمە، ئەلەيكەسسالام ئۆلۈكلەرگە قىلىنىدىغان سالام» دېدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

ھەدىسنىڭ مەنىسى: بىر ئەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سالام بېرىپ: ئەلەيكەسسالام ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! -دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ ئەرنى بۇ سۈپەت بىلەن سالام بېرىشتىن توستى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ خىل سالامنى ياقتۇرمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇ كىشىگە جاۋاپ قايتۇرماي، بۇ سالامنىڭ ئۆلۈكلەرگە قىلىنىدىغان سالام ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بەردى، ئاندىن يەنە بىر ھەدىستە كەلگەندىكىدەك ئىسلامدا يولغا قويۇلغان سالامنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ: «ساڭا سالامەتلىك يار بولسۇن دېگىن» دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئەلەيكەسسالام ئۆلۈكلەرنىڭ سالامى» دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى: بۇ سالام قەبرىستانلىقنى زىيارەت قىلغاندا قىلىنىدىغان سالام، چۈنكى ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قەبرىستانلىقنى زىيارەت قىلغاندا: «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆمىنلەر قەۋمىنىڭ دىيارى...» دېگەنلىكى ئىسپاتلاندى، بەلكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ سۆزنى جاھىلىيەت ئەھلىنىڭ ئۆلۈكلەرنى ھۆرمەتلەپ قىلىدىغان ئادىتىگە ئىشارەت قىلىپ دېگەن ئىدى

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە تامىلچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ