عن أبي هريرة رضي الله عنه : أن رسول الله صلى الله عليه وسلم قال:«حقُّ المُسلمِ على المُسلمِ خمسٌّ: ردُّ السلام، وعِيَادَةُ المريض، واتباع الجنائز، وإجابة الدَّعوة، وتَشميتُ العاطِس».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلماندا بەش تۈرلۈك ھەققى باردۇر:سالامغا جاۋاپ قايتۇرۇش،كېسەل يوقلاش،جىنازىغا ئەگىشىش، چاقىرغان يەرگە بېرىش ۋە چۈشكۈرۈپ"ئەلھەمدۇلىللاھ"دېسە"يەرھەمۇكەللا"دېيىش»
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

بۇ ھەدىستە مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ ئۈستىدىكى بەزى ھەقلىرى بايان قىلىنغان، مۇسۇلماننىڭ ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشى ئۈستىدە ھەقلىرى كۆپ بولسىمۇ، لېكىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بەزىدە كۆپ ئەھمىيەتلىك بولغان مەلۇم نەرسىلەرنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلغان بۇ ھەدىسىمۇ شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلماندا بەش تۈرلۈك ھەققى باردۇر: سالام قايتۇرۇش، يەنى سالام قىلسا سالامغا جاۋاپ قايتۇرۇش، يەنە بىر ھەدىستە مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلماندا ئالتە تۈرلۈك ھەققى بار دەپ: بىر-بىرىگە ئۇچراشسا سالام بېرىش دېيىلگەن. بۇ ھەقلەرنى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنىڭ ھەققىدە توغرا ئادا قىلغان كىشى باشقا ھەقلەرنى ئەلۋەتتە تولۇق ئادا قىلىدۇ، ئۇ كىشىنىڭ بۇ ھەقلەرنى ئادا قىلىشى بىلەن كۆپ ياخشىلىق ۋە ئاللاھ تائالادىن ساۋاپ ئۈمىد قىلغاندا كاتتا ئەجىر-ساۋاپقا ئېرىشىدۇ. بۇ ھەقلەرنىڭ ئەۋۋىلى: ئۇچراشقاندا سالام بېرىش، يەنە بىر ھەدىستە: سالامغا جاۋاپ قايتۇرۇش دېيىلگەن. ئىككىنچى ھەق بولسا كېسەل يوقلاش، كېسەل بولۇپ ئۆيىدە ياكى دوختۇرخانىدا يىتىپ قالسا، مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنىڭ ئۇنى يوقلاپ زىيارەت قىلىشى زۆرۈر بولىدۇ. ئۈچىنچى ھەق بولسا: جىنازىغا ئەگىشىش، قەبرىستانلىققا بېرىش، مۇسۇلماننىڭ ئۆزىنىڭ دىنى قېرىندىشىنىڭ ئۈستىدىكى ھەقلىرىدىن: ئۆيىدىن مېيىت نامىزى ئوقۇيدىغان جايغىچە-مەسچىتتە ئوقۇسۇن ياكى باشقا جايدا ئوقۇسۇن-ئاندىن قەبرىستانلىققىچە ئۇنىڭ جىنازىسىغا ئەگىشىپ بېرىش. تۆتىنچى ھەق بولسا:چاقىرغان يەرگە بېرىش، مۇسۇلماننىڭ ئۆزىنىڭ دىنى قېرىندىشىنىڭ ئۈستىدىكى ھەقلىرىدىن: بىر يەرگە چاقىرغان بولسا چاقىرىققا ئىجابەت قىلىش. بەشىنچى ھەق بولسا:چۈشكۈرگۈچىگە جاۋاپ بېرىش، چۈشكۈرۈش ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن نېمەت بولۇپ، چۈشكۈرۈش بىلەن ئىنسان بەدىنىدە توسۇلۇپ قالغان ھاۋا سېرىتقا چېقىپ كىتىدۇ، ئاللاھ ئۇنىڭ چېقىش ئورنىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن چۈشكۈرگۈچىمۇ راھەتلىنىدۇ، چۈشكۈرگۈچى مۇشۇ نېمەتكە شۈكۈر قىلىپ ئاللاھنى ماختىشى كېرەك، بۇنى ئاڭلىغان مۇسۇلمان قېرىندىشى ئۇنىڭغا: يەرھەمۇكەللا دېيىشى، ئۇ كىشى قېرىندىشىغا جاۋاپ بېرىپ: «يەھدىكۇمۇللاھ ۋەيۇسلىھۇ بالەكۇم» دېيىشى كېرەك، چۈشكۈرۈپ"ئەلھەمدۇلىللاھ دېمىسە، ئۇ كىشىگە يەرھەمۇكەللا"دېيىلمەيدۇ، ئۇكىشى ئۆزىگە مالامەت قىلسۇن

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە ياپونچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ