ھەدىسلەر تىزىملىكى

مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلماندىكى ھەققى بەشتۇر، سالامغا جاۋاپ بېرىش، كېسەل بولسا يوقلاش، جىنازىسىغا ئەگىشىش، چاقىرىققا ئىجابەت قىلىش ۋە چۈشكۈرۈپ ئەلھەمدۇ لىللاھ دېسە ئۇنىڭغا يەرھەمكەللاھ دەپ جاۋاپ بېرىش
عربي الإنجليزية الأوردية
بىر مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ دىنى قېرىندىشى بىلەن ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ئاداۋەت تۇتۇپ، يولدا ئۇچرىشىپ قالسا، بىرى ئۇ تەرەپكە يەنە بىرى بۇ تەرەپكە قاراپ ئۆتۈپ كېتىشى توغرا بولمايدۇ. ئۇ ئىككەيلەننىڭ ئەڭ ياخشىسى دەسلەپتە سالام قىلغىنىدۇر
عربي الإنجليزية الأوردية
ئۇلاغ مىنگۈچى پىيادە ماڭغۇچىغا، پىيادە ماڭغۇچى ئولتۇرغۇچىغا، ئاز ئادەملەر كۆپ ئادەملەرگە سالام بېرىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى قول ئېلىشىپ كۆرۈشەمتى؟ دېسەم، ئۇ: «ھەئە» دېدى
عربي الإنجليزية الأوردية
بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ ياخشى خىسلەتلىرى قايسى؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام: باشقىلارغا تائام بېرىشىڭىز، سىز تونۇيدىغان ۋە تونۇمايدىغان كىشىلەرگە سالام قىلىشىڭىز، دەپ جاۋاب بەرگەن
عربي الإنجليزية الأوردية
مۇسۇلمانلاردىن ئىككى كىشى ئۈچراشقاندا قول ئېلىشىپ كۆرۈشسە، ئۇلار ئايرىلىشتىن بۇرۇن گۇناھلىرى كەچۈرلىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
ئەگەر بىر ئەر، (ياكى بىر ئايال) سىنىڭ رۇخسىتىڭسىز ساڭا كۆزەتچىلىك قىلسا، ئۇنىڭغا تاش ئېتىپ كۆزىنى قۇيۇۋەتكەن بولساڭ، ساڭا ھېچ قانداق گۇناھ بولمايدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
ئاللاھ تائالا ئادەم ئاتىمىزنى ياراتقان چاغدا: ئاۋۇ ئولتۇرغان پەرىشتىلەرنىڭ ئالدىغا بېرىپ سالام بەرگىن، ئاندىن ساڭا قايتۇرغان سالىمىغا قۇلاق سالغىن، بۇ سېنىڭ ۋە ئەۋلادلىرىڭنىڭ سالىمىدۇر، دېدى
عربي الإنجليزية الأوردية
بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سۈتتىن بولغان نېسىۋىسىنى ئېلىپ قوياتتۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىسى كېلىپ ئۇخلاپ قالغاننى ئويغاتمىغۇدەك، ئويغاق ئاڭلىغۇدەك سالام قىلاتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
ئەلەيكەسسالام دېمە، چۈنكى ئەلەيكەسسالام ئۆلۈكلەرگە قىلىنىدىغان سالام
عربي الإنجليزية الأوردية