عن أبي الخطاب قتادة، قال: قُلْتُ لأَنَسٍ: أكَانَتِ المصَافَحَةُ في أصْحَابِ رسولِ الله صلى الله عليه وسلم ؟، قَالَ: نَعَم.
[صحيح] - [رواه البخاري]
المزيــد ...

ئەبۇ خەتتاب قەتادەنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قېلىنىدۇ، مەن ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى قول ئېلىشىپ كۆرۈشەمتى؟ دېسەم، ئۇ: «ھەئە» دېدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

راۋىنىڭ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى قول ئېلىشىپ كۆرۈشەمتى؟دېگەن سۆزى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى بىر-بىرى بىلەن ئۇچراشقاندا سالاملىشىپ بولغاندىن كېيىن دوستلۇقنى زىيادە قىلىش، ۋە بىر-بىرىنى ھۆرمەت قېلىش ئۈچۈن قول ئېلىشىپ كۆرۈشەمتى؟دېگەندىن ئىبارەت بولۇپ، كۆرۈشۈش ئوڭ قول بىلەن بولىدۇ، قول ئېلىشىپ كۆرۈشسە ئۇلار ئايرىلىشتىن ئىلگىرى ئۇلارنىڭ خاتالىقى ئەپۇ قېلىنىدۇ، بۇ ئۇچراشقان ۋاقىتتا قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى بىلدۈرىدۇ، بۇنداق قېلىش ئۇچرىشىپ ئۆز-ئارا سۆزلىشىپ ياكى بىرگە تۇرغاندا بولىدۇ، ئەمما بازارلاردا ئۇچراشقاندا ساھابىلەر ئۇنداق كۆرۈشمەيتتى، سالام قىلىپلا كېتىۋەرسەڭ بولىدۇ

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ