عن أبي هريرة رضي الله عنه أن رسول الله صلى الله عليه وسلم قال:
«أَقْرَبُ مَا يَكُونُ الْعَبْدُ مِنْ رَبِّهِ وَهُوَ سَاجِدٌ، فَأَكْثِرُوا الدُّعَاءَ».

[صحيح] - [رواه مسلم] - [صحيح مسلم: 482]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«بەندىنىڭ رەببىگە ئەڭ يېقىن بولىدىغان ۋاقتى، ئۇنىڭ سەجدە قىلغان ھالىتىدۇر، سەجدىدە دۇئانى كۆپ قىلىڭلار».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان] - [سەھى مۇسلىم - 482]

شەرھىسى

بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بەندىنىڭ رەببىگە ئەڭ يېقىن بولىدىغان ۋاقىتنىڭ ئۇنىڭ سەجدىدىكى ھالىتى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بەردى. ئۇنداق بولىشى: ناماز ئادا قىلغۇچى سەجدە قىلغان ھالىتىدە ئاللاھقا خار بولۇپ، بويسۇنۇپ بەدىنىدىكى ئەڭ ئېسىل-شەرەپلىك ئەزا بولغان يۈزىنى زېمىنغا قويىدۇ.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سەجدىدە دۇئانى كۆپ قىلىشقا بۇيرىدى، بۇ ھالەتتە ئاللاھ تائالاغا سۆز بىلەن ئەمەلى ھەرىكىتى بىلەن خار بولۇش-بويسۇنۇش مۇجەسسەملىشىدۇ.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. تائەت-ئىبادەت بەندىنىڭ ئاللاھ تائالاغا بولغان يېقىنلىقىنى زىيادە قىلىدۇ.
  2. سەجدىدە دۇئانى كۆپ قىلىش مۇستەھەپتۇر، چۈنكى ئۇ دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ئورۇنلارنىڭ بىرىدۇر.
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تىل: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تېخىمۇ كۆپ (67)
تېخىمۇ كۆپ