عَن أَبِي هُرَيْرَةَ رضي الله عنه قَالَ: قَالَ رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ:
«يُسَلِّمُ الرَّاكِبُ عَلَى المَاشِي، وَالمَاشِي عَلَى القَاعِدِ، وَالقَلِيلُ عَلَى الكَثِيرِ». وَلِلبُخَارِي: «يُسَلِّمُ الصَّغِيرُ عَلَى الكَبِيرِ، وَالمَارُّ عَلَى القَاعِدِ، وَالقَلِيلُ عَلَى الكَثِيرِ».

[صحيح] - [متفق عليه] - [صحيح البخاري: 6232]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«ئۇلاغ مىنگۈچى پىيادە ماڭغۇچىغا، پىيادە ماڭغۇچى ئولتۇرغۇچىغا، ئاز ئادەملەر كۆپ ئادەملەرگە سالام بېرىدۇ». بۇخارىنىڭ رىۋايىتىدە:«كېچىكلەر چوڭلارغا، ماڭغانلار ئولتۇرغانلارغا، ئاز كىشىلەر كۆپ كىشىلەرگە سالام قىلسۇن» دەپ كەلگەن.

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان] - [سەھى بۇخارى - 6232]

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىشىلەر ئارىسىدا ئۇچراشقاندا " ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ" دەپ سالام بېرىشنىڭ ئەدەپلىرىنى كۆرسىتىپ بەردى. كېچىك چوڭغا، ئۇلاغلىق پىيادە ماڭغۇچىغا، ماڭغۇچى ئولتۇرغۇچىغا، ئاز سانلىق كۆپ سانلىققا سالام بېرىدۇ.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. ھەدىستە بايان قىلىنغان بويىنچە سالام بېرىش ياخشى بولىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭ ئەكسى بولۇپ قالسا، پىيادە يۈرگۈچى ئۇلاغلىق كىشىگە سالام بەرسە، ئولتۇرغان كىشى كېتىۋاتقان كىشىگە سالام بەرسە دۇرۇس بولىدۇ، لېكىن ھەدىستە بايان قىلىنغاندەك بولىشى ئەۋزەلدۇر.
  2. ھەدىستە بايان قىلىنغان بويىنچە سالامنى ئاشكارا قىلىش بولسا، بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈش ۋە يېقىنلىشىشنىڭ سەۋەبلىرىدندۇر.
  3. ئەگەر يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئۆلچەمدە ھەممەيلەن تەڭ باراۋەر بولۇپ قالسا، ئۇلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى سالامنى تۇنجى باشلىغىنىدۇر.
  4. شەرىئەتتە ئىنسانلار ئېھتىياجلىق بولىدىغان بارلىق نەرسىلەرنىڭ بايان قىلىنىشى بولسا، ئسلام شەرىئىتىنىڭ مۇكەممەللىكىدۇر.
  5. سالامنىڭ ئەدەپلىرىنى بىلدۈرۈش ۋە ھەر بىر ھەق ئىگىسىگە ئۆز ھەققىنى بېرىش.
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تىل: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تېخىمۇ كۆپ (54)
تېخىمۇ كۆپ