عن أبي مسعود البدري رضي الله عنه قَال: قَالَ رَسُولُ اللَّه -صَلّى اللهُ عَلَيْهِ وسَلَّم-: «حُوسِب رجُل ممن كان قَبْلَكُمْ، فلم يُوجد له من الخَيْر شيء، إلا أنه كان يُخَالط الناس وكان مُوسِراً، وكان يأمُر غِلْمَانَه أن يَتَجَاوَزُوا عن المُعْسِر، قال الله عز وجل : نحن أحَقُّ بذلك منه؛ تَجَاوزُوا عنه».
[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...

ئەبۇ مەسئۇد ئەلبەدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېدى: سىلەردىن ئىلگىرىكى قەۋىمدىن بىر كىشى ھېسابقا تارتىلغاندا ئۇنىڭ قىلغان ياخشىلىقىدىن ھېچ نەرسە تېپىلمىدى، پەقەت ئۇ كىشىلەر بىلەن ئېلىم بىرىم قىلغاندا كەڭ قورساق بولاتتى، خىزمەتچىلىرىنى قىيىنچىلىقى بار كىشىلەردىن قەرزنى كۆتۈرۋېتىشكە بۇيرۇيدىغان ئىدى. ئاللاھ تائالا: بىز ئۇنىڭدىن ياخشىلىق قىلىشقا ئەڭ ھەقلىق، ئۇنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۋېتىڭلار، دېدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

«بىر كىشى ھېسابقا تارتىلغان» يەنى ئاللاھ تائالا ئۇنى دۇنيادا قىلغان ئىشلىرىدا ھېسابقا تارتتى. «سىلەردىن ئىلگىرىكىلەر» يەنى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەردىن «ئۇنىڭ ياخشىلىقىدىن ھېچ نەرسە تېپىلمىدى» يەنى ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىش ئۈچۈن قىلغان ياخشى ئەمەللىرىدىن ھېچ نەرسە تېپىلمىدى. «پەقەت ئۇ كىشىلەر بىلەن ئېلىم بىرىم قىلغاندا كەڭ قورساق بولاتتى» يەنى سودا-سېتىق، قەرز مۇئامىلىسى قىلاتتى، ئۇ كىشى پۇلدار ئىدى. «خىزمەتچىلىرىنى قىيىنچىلىقى بار كىشىلەردىن كۆتۈرۋېتىشكە بۇيرۇيدىغان ئىدى» يەنى قەرزدارلاردىن قەرزنى سۈيلىگەندە كەمبەغەل، قەرزنى قايتۇرۇشقا قادىر بولالمايدىغان، قېيىنچىلىقى بار كىشىلەردىن ياكى بىر قىسىم قەرزنى كۆتۈرۋېتىش ياكى پۇل تاپقاندا بېرىشكە مۇھلەت بېرەتتى. «ئاللاھ تائالا: بىز ئۇنىڭدىن ياخشىلىق قىلىشقا ئەڭ ھەقلىق» يەنى ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۋەتتى. يەنى كىشىلەرگە قىلغان ياخشى مۇئامىلىسى، رەھىمدىللىكى، ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرغىنىنىڭ بەدىلىگە ئاساسەن ئۇنى كەچۈرۈۋەتتى

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى كۇردچە ھائۇساچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش