عن عبد الله بن بُسْرٍ الأسلمي رضي الله عنه مرفوعاً: «خير الناس من طَال عُمُرُه، وحَسُنَ عَمَلُهُ».
[صحيح] - [رواه الترمذي وأحمد والدارمي]
المزيــد ...

ئابدۇللاھ ئىبنى بۇسرى ئەسلەمى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىشىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ۋە ئەمەللىرى ياخشى بولغان كىشىلەردۇر»
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

ھەدىسنىڭ مەنىسى: ئىنساننىڭ ئاللاھغا تائەت-ئىبادەت قىلىش بىلەن ئۆمرى ئۇزۇن بولىدىكەن، ئۇ كىشىنىڭ ئاللاھغا بولغان يېقىنلىقىمۇ زىيادە بولىدۇ، چۈنكى ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولىشى بىلەن قىلغان بارلىق ئەمەللىرى ئۇ كىشىنى ئاللاھ تائالانىڭ تەرىپىگە يېقىنلاشتۇرىدۇ، ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولىشى ۋە ئەمەللىرىنىڭ ياخشى بولىشىدىن ئىبارەت مۇشۇ ئىككى ئىشقا مۇۋاپىق كەلگەن كىشى ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ھېسابلىنىدۇ، ئىنسان ئاللاھنىڭ تائىتىدە ياخشى ئەمەللەرنى قىلمايدىكەن، ئۇنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولىشى ياخشىلىق ھېسابلانمايدۇ، چۈنكى بەزى ۋاقىتتا ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولىشى ئىنسان ئۈچۈن يامانلىق ۋە زېيان ئىلىپ كېلىدۇ. يەنە بىر ھەدىستە شۇنداق بايان قىلىنغان: كىشىلەرنىڭ قايسىسى ئەڭ ياخشى؟ دېگەندە، «كىشىلەرنىڭ ياخشىسى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ۋە ئەمەللىرى ياخشى بولغان كىشىلەردۇر»دېگەن، كىشىلەرنىڭ يامىنى قايسى؟دېگەندە، «كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئەسكىسى ئۇزۇن ئۆمۇر كۆرگەن ۋە ئەمەللىرى ئەڭ ناچار بولغان كىشىلەردۇر»دېگەن. ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزى رىۋايەت قىلغان، شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 3-توم 305-بەت(2330) نۇمۇردا كەلتۈرگەن. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:«كاپىرلار ئۆزلىرىگە (جازا بەرمەستىن) مۆھلەت بېرىشىمىزنى (يەنى ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلىشىمىزنى) ھەرگىز ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىلىق دەپ گۇمان قىلمىسۇن، ئۇلارغا مۆھلەت بېرىشىمىز (ۋە ئەجىلىنى كېچىكتۈرۈشىمىز) پەقەت ئۇلارنىڭ گۇناھىنىڭ كۆپىيىشى ئۈچۈندۇر. ئۇلار (ئاخىرەتتە) خار قىلغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ»ئالى ئىمران سۈرىسى 178-ئايەت. ئاشۇ كاپىرلارغا ئاللاھ مۆھلەت بېرىدۇ يەنى: ئۇلارنىڭ رىزقىنى كەڭرى قىلىدۇ، سالامەتلىكىنى ياخشى قىلىدۇ، ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلىدۇ، ئوغۇل-قىز پەرزەنت ۋە ئاياللارنى بېرىدۇ، بۇ ئۇلار ئۈچۈن ياخشىلىق بولمايدۇ بەلكى، ئۇلار ئۈچۈن يامانلىق بولىدۇ،-ئاللاھ بۇنداق بولۇشتىن ساقلىسۇن-چۈنكى ئۇلار ئاللاھنىڭ ئاتا قىلغان بۇ نېمەتلىرى بىلەن گۇناھ-مەسىيەتنى زىيادە قىلىدۇ. تىيبىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ۋاقىت ۋە زامان خۇددى تىجارەتچىنىڭ سەرمايىسىگە ئوخشايدۇ، ئۇنى ئۆزىگە پايدىلىق بولغان تىجارەتكە سەرپ قىلىشى كېرەك بولىدۇ. سەرمايە كۆپ بولغانسىرى كېلىدىغان پايدىمۇ كۆپ بولىدۇ، مەبلەغنى پاكىزە ئىشلارغا سەرپ قىلغان كىشى نىجات تاپىدۇ ۋە ئۇتۇق قازىنىدۇ، ئاساسلىق مەبلەغنى زايە قىلىۋەتكەن كىشى ھېچقانداق پايدىغا ئېرىشەلمەستىن ئوپ-ئوچۇق زىيان تارتىدۇ

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە تامىلچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ