عن أبي هريرة رضي الله عنه قال: قال رسول الله صلى الله عليه وسلم : «لا تجعلوا بيوتكم قبورا، ولا تجعلوا قبري عيدا، وصلوا عليّ فإن صلاتكم تبلغني حيث كنتم».
[صحيح] - [رواه أبو داود]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: ئۆيۈڭلارنى قەبرىستانلىققا ئوخشىتىۋالماڭلار، قەبرەمنى ھېيىتلايدىغان جاي قىلىۋالماڭلار، ماڭا دۇرۇت-سالام يوللاپ تۇرۇڭلار، سىلەر قەيەردە بولۇڭلار سالامىڭلار ماڭا يېتىدۇ
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆيلەردە نەپلە ناماز، دۇئا، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش ئىشلىرىنى تەرك قىلىشتىن توستى، ئۇنداق بولغاندا ناماز ئوقۇلمايدىغان قەبرىستانلىقتەك بولۇپ قالىدۇ. قەبرىستانلىقتا ناماز ئوقۇلماسلىقى ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئېنىق بىر ئىش ئىدى، شۇ سەۋەبتىن ئۆينىمۇ قەبرىستانلىقتەك قىلىپ قويماسلىققا بۇيرىدى. قەبرىستانلىقنى كۆپ زىيارەت قىلىشتىن ۋە ئۇ يەردە يېغىلىپ ئولتۇرۇشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۋېلىشتىن توستى. چۈنكى ئۇ شېرىككە ئېلىپ بارىدۇ. ئۇنىڭ ئورنىدا رەسۇلۇللاھقا قەيەردە بولسۇن دۇرۇت ۋە سالام يوللاشقا بۇيرىدى، يوللانغان سالاملار قەيەردىن بولسۇن رەسۇلۇللاھقا يېتىپ تۇرىدۇ، رەسۇلۇللاھنىڭ قەبرىسىگە كۆپ زىيارەتكە بېرىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە ياپونچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ