1. ئاساسى
  2. ئەسەرلەر
  3. پىقھى ۋە ئۇنىڭ ئۇسۇل قائىدىلىرى

ھەدىس مەندىن مەزى كۆپ كېلەتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى پاتىمە ئايالىم بولغانلىقى ئۈچۈن مەن بۇ سوئالنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن سوراشتىن ھايا قىلىپ، مىقداد بىن ئەسۋەدنى سوراشقا بۇيرىدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى:«ئەۋرىتىنى يۇيىدۇ ۋە تاھارەت ئالىدۇ

عَنْ عَلِيٍّ رضي الله عنه قَالَ:
كُنْتُ رَجُلًا مَذَّاءً وَكُنْتُ أَسْتَحْيِي أَنْ أَسْأَلَ النَّبِيَّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ لِمَكَانِ ابْنَتِهِ فَأَمَرْتُ الْمِقْدَادَ بْنَ الْأَسْوَدِ فَسَأَلَهُ فَقَالَ: «يَغْسِلُ ذَكَرَهُ وَيَتَوَضَّأُ». وَلِلبُخَاريِّ: فَقَالَ: «تَوَضَّأْ وَاغْسِلْ ذَكَرَكَ».

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:
مەندىن مەزى كۆپ كېلەتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى پاتىمە ئايالىم بولغانلىقى ئۈچۈن مەن بۇ سوئالنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن سوراشتىن ھايا قىلىپ، مىقداد بىن ئەسۋەدنى سوراشقا بۇيرىدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى:«ئەۋرىتىنى يۇيىدۇ ۋە تاھارەت ئالىدۇ»، بۇخارىينىڭ رىۋايىتىدە:«تاھارەت ئالغىن ۋە ئەۋرىتىڭنى يۇغىن» دېگەن.

تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن سەھى مۇسلىم - 303

شەرھىسى

بۇ ھەدىستە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىدىن مەزىينىڭ كۆپ چىقىدىغانلىقىدىن خەۋەر بېرىدۇ. مەزىي دېگەن: ئىنساندا شەھۋەت قوزغالغاندا ياكى جىنسى مۇناسىۋەت قىلىشتىن ئىلگىرى جىنسى ئەزاسىدىن چىقىدىغان شىلىمشىق، سۇيۇق ئاق سۇدىن ئىبارەت. مەزى چىققاندا قانداق قىلىشنى بىلمەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن سوراي دىسە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى پاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئايالى بولغانلىقى ئۈچۈن سوراشتىن ھايا قىلىدۇ. مىقداد بىن ئەسۋەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن سوراشنى تەلەپ قىلىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئەۋرىتىنى يۇيىۋېتىپ تاھارەت ئالسۇن دەپ جاۋاپ بېرىدۇ.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئارتۇقچىلىقى، ئۇ كىشىنى ھايا ۋاستە بىلەن بولسىمۇ سوئال سوراشتىن چەكلەپ قويمىدى.
  2. ئورنىغا بىرسىنى ئەۋەتىپ پەتىۋا سورىسا دۇرۇس بولىدۇ.
  3. پايدىلىق ئىشلاردا ئىنسان ئۆزى ھايا قىلىدىغان ئىشلاردىن خەۋەر بەرسە دۇرۇستۇر.
  4. مەزىي نىجىستۇر، ئۇنى بەدەندىن ۋە كىيىمدىن يۇيىۋېتىش ۋاجىپ بولىدۇ.
  5. مەزىينىڭ چىقىشى تاھارەتنى بۇزىدىغان ئامىللاردىندۇر.
  6. يەنە بىر ھەدىستە بايان قىلىنغانغا كۆرە: ئەۋرىتى بىلەن بىرگە تاشاقنىمۇ يۇيۇش ۋاجىبتۇر.

تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

58 تىل
EN English الإنجليزية
UR اردو الأوردية
ES Español الإسبانية
ID Indonesia الإندونيسية
BN বাংলা البنغالية
FR Français الفرنسية
TR Türkçe التركية
RU Русский الروسية
BS Bosanski البوسنية
SI සිංහල السنهالية
HI हिन्दी الهندية
ZH 中文 الصينية
FA فارسی الفارسية
VI Tiếng Việt الفيتنامية
TL Tagalog تجالوج
KU Kurdî الكردية
HA Hausa الهوسا
PT Português البرتغالية
ML മലയാളം المليالم
TE తెలుగు التلغو
SW Kiswahili السواحيلية
TA தமிழ் التاميلية
MY မြန်မာ البورمية
TH ไทย التايلندية
DE Deutsch الألمانية
PS پښتو بشتو
AS অসমীয়া الأسامية
SQ Shqip الألبانية
SV Svenska السويدية
AM አማርኛ الأمهرية
NL Nederlands الهولندية
GU ગુજરાતી الغوجاراتية
KY Кыргызча القيرقيزية
NE नेपाली النيبالية
YO Yorùbá اليوروبا
LT Lietuvių الليتوانية
PRS دری الدرية
SR Српски الصربية
SO Soomaali الصومالية
TG тоҷикӣ الطاجيكية
RW Kinyarwanda الكينياروندا
RO Română الرومانية
HU Magyar المجرية
CS Čeština التشيكية
MOS Moore الموري
MG Malagasy المالاجاشية
OM Oromoo الأورومو
KN ಕನ್ನಡ الكانادا
WO Wolof الولوف
AZ Azərbaycan الأذربيجانية
UZ O‘zbek الأوزبكية
UK Українська الأوكرانية
KA ქართული الجورجية
MK Македонски المقدونية
KM ភាសាខ្មែរ الخميرية
PA ਪੰਜਾਬੀ البنجابية
MR मराठी الماراثية
KMR Kurmancî الكرمنجية