عن أبي هريرة رضي الله عنه قال: بال أعرابي في المسجد، فقام الناس إليه لِيَقَعُوا فيه، فقال النبي صلى الله عليه وسلم : «دعوه وأريقوا على بوله سَجْلاً من ماء، أو ذَنُوبًا من ماء، فإنما بُعِثْتُمْ مُيَسِّرِينَ، ولم تُبْعَثُوا مُعَسِّرِينَ».
[صحيح] - [متفق عليه، واللفظ للبخاري]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، بىر ئەئرابى مەسچىتكە سىيىپ قويىۋىدى كىشىلەر دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭغا يوپۇرلۇپ كەلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇنىڭغا چىقىلماڭلار، سۈيدۈكىنىڭ ئۈستىگە بىر چېلەك سۇ قۇيىۋېتىڭلار، سىلەر ھەقىقەتەن كىشىلەرگە مۇشەققەت تۇغدۇرغۇچى ئەمەس، ئاسانلىق تۇغدۇرغۇچى بولۇپ ئەۋەتىلدىڭلار»
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان، ھەدىسنىڭ لەپزى بۇخارىغا ئائىتتۇر

شەرھىسى

بىر ئەئرابى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتىدە تۇرۇپ سىيگىلى باشلىدى، كىشىلەر قوللىرى بىلەن ئەمەس بەلكى ئاۋازلىرى بىلەن توۋلاپ ئۇنى توسماقچى بولدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: قويۇڭلار ئۇنى دېدى، ئۇ سىيىپ بولغاندىن كېيىن سىيىپ قويغان جايغا بىر چېلەك سۇ تۆكىۋېتىشنى بۇيرىدى ۋە ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ كىشىلەرگە ئاسانلىق يارىتش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەنلىكىنى ھەرگىزمۇ كىشىلەرگە قېيىنچىلىق پەيدا قىلىپ ئۇلارنى توغرا يولدىن يېراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتىلمىگەنلىكىنى بايان قىلىپ بەردى

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە كۇردچە ھائۇساچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ