+ -

عن عمر رضي الله عنه قال: قَسَمَ رسول الله صلى الله عليه وسلم قَسْمًا، فقلت: يا رسول الله لَغَيْرُ هؤلاء كانوا أحق به منهم؟ فقال: «إنهم خَيَّرُونِي أن يسألوني بالْفُحْشِ، أو يُبَخِّلُونِي ولست بِبَاخِلٍ».
[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...

ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم مال تەقسىم قىلغان ئىدى، مەن: ئى رەسۇلۇللاھ بۇ ماللارغا بۇلاردىن باشقا كىشىلەر ھەقلىق ئىدى، دېدىم. رەسۇلۇللاھ: ئۇلار ماڭا ياكى مەندىن خالىغانچە سوراش ياكى مېنى بېخىللىققا چىقىرىشتىن بىرنى تاللاتقۇزدى، مەن بېخىل ئەمەسمەن، دېدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم غەنىمەتتىن كەلگەن بىر قىسىم ماللارنى مەلۇم كىشىلەرگە تارقىتىپ بېرىپ يەنە مەلۇم كىشىلەرنى ئايرىپ قويۇپ قويغان ئىدى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئى رەسۇلۇللاھ غەنىمەت تەقسىم قىلىنغان بۇ كىشىلەردىن ئاۋۇ تەقسىم قىلىنمىغانلار بەك ھەقلىق ئىدى، دېدى. شۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم ئۆمەرگە ئۇلارنىڭ ئىمانى ئاجىز بولغانلىقتىن مەندىن چىڭ تۇرۇپ سورىدى، ئۇلارنىڭ شۇ ھالىتى بىلەن خالىغانچە سوراش ياكى مېنى بېخىل دەپ تۆھمەت قىلىشلا قىستىدى. شۇ سەۋەبتىن رەسۇلۇللاھ ئۇلارنىڭ كۆڭلۈنى ياسىغان ۋە غەمخورلۇق قىلغان جەھتىدىن غەنىمەت بېرىشنى تاللىدى، چۈنكى بېخىللىق رەسۇلۇللاھنىڭ تەبئىتى ئەمەس

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى سىنھالچە ھېندىچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھائۇساچە تامىلچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ