ھەدىسلەر تىزىملىكى

مەن سىلەر ئۈچۈن ھەممىدىن بەكرەك ئەنسىرەيدىغان نەرسەم كېچىك شېرىك»، ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! كېچىك شېرىك دېگەن نېمە؟دېۋىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «رىيا
عربي الإنجليزية الأوردية
ئى ئاللاھ! كىمكى مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ ئىشىدىن بىر ئىشقا ئىگە بولۇپ، ئۇلارغا قىيىنچىلىق پەيدا قىلغان كىشىنىڭ ئىشىنى سەنمۇ قىيىنلاشتۇرغىن، مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ ئىشىدىن بىر ئىشقا ئىگە بولۇپ، ئۇلارغا مېھرىبانلىق قىلغان كىشىنىڭ ئىشىنى سەنمۇ ئاسان قىلغىن
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىشىلەر ئارىسىدا ئەخلاقى ئەڭ گۈزەل زات ئېدى
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقى قۇرئان ئېدى» دېدى
عربي الإنجليزية الأوردية
مەن سىلەرگە دەججال توغرۇلۇق ھېچ بىر پەيغەمبەر قەۋمىگە سۆزلەپ بەرمىگەن بىر گەپنى سۆزلەپ بېرەيمۇ؟ ھەقىقەتەن دەججال يەكچەشمە، ئۇ ئۆزى بىلەن بىرلىكتە جەننەت بىلەن دوزاخنىڭ كۆرىنىشىنى ئېلىپ كېلىدۇ، ئۇنىڭ جەننەت دېگىنى دوزاختۇر
عربي الإنجليزية الأوردية
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم چىمىلداقتا تۇرغان قىزدىنمۇ بەك ھايالىق ئىدى
عربي الإنجليزية الأوردية
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر كۈنى خۇپتەن نامىزىنى كىچىكتۈرىۋەتكەن ئىدى، ئۆمەر تۇرۇپ: «ناماز ئى رەسۇلۇللاھ! ئايال ۋە بالىلار ئۇخلاپ كەتتى» دېدى. رەسۇلۇللاھ بېشىدىن سۇ تامچىغان ھالدا چىقىپ مۇنداق دېدى: ئەگەر ئۈممىتىمگە ئېغىرچىلىق بولمايدىغان بولسا خۇپتەن نامىزىنى بۇ ۋاقىتتا ئوقۇشقا بۇيرۇيتتىم
عربي الإنجليزية الأوردية
مەن بىلەن سىلەرنىڭ مىسالىڭلار: خۇددى بىر كىشى ئوت ياققان ئاندىن ئۇ ئادەم توسۇپ تۇرسىمۇ، ئۇنىڭغا چىكەتكە ۋە پەرۋانىگە ئوخشاش ھاشارەتلەر چۈشۈشكە باشلىغان ھالەتكە ئوخشايمىز. مەن سىلەرنىڭ بىلىڭلاردىن تۇتۇپ ئوتقا چۈشۈشتىن توسۇۋاتىمەن، ئەمما سىلەر مېنىڭ قولۇمدىن قېچىپ كېتىپ بارىسىلەر
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كىشىلەرنىڭ ئەڭ سېخىسى ئىدى
عربي الإنجليزية الأوردية
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قىزى زەينەبنىڭ قىزى ئۇمامەنى كۆتۈرۈپ ناماز ئوقۇيتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
ئاللاھ تائالا ماڭا زېمىننى كىچىكلىتىپ ئالدىمغا قويدى، شەرىق ۋە غەرىپىنى كۆردۇم، ئۈممىتىمنىڭ سەلتەنەتى مەن كۆرگەن يەرلەرگىچە ھۆكۈم سۇرىدۇ، قىزىل ۋە ئاق تەنلىكلەرنىڭ«رىم ۋە پارىس» بايلىقى ماڭا بىرىلدى
عربي الإنجليزية الأوردية
قېشىمىزدا بار خام ئالتۇننى ئەسلەپ مېنى نامازدىن مەشغۇل قىلىشىنى خالىمىدىم، شۇڭا تەقسىم قىلىپ بىرىۋېتىشكە بۇيرۇدۇم
عربي الإنجليزية الأوردية
ئۇنىڭغا بېرىڭلار، چۈنكى سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار مەسىلىنى ئەڭ ياخشى بىر تەرەپ قىلىدىغانلار
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ھەر قاچان بىر نەرسە سورالغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەرگىزمۇ ياق دەپ باققان ئەمەس
عربي الإنجليزية الأوردية
ئەگەر ئاللاھ تائالا قەلبىڭلەردىن رەھمەتنى تارتىۋەتسە مەندە نېمە ئامال!
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كاسىسىنى يەرگە قويۇپ، ئىككى پاچىقىنى تىكلەپ ئولتۇرۇپ خورما يەۋاتقانلىقىنى كۆردۈم
عربي الإنجليزية الأوردية
ئى جىبرىئىل! مۇھەممەدنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: بىز سېنى ئۈممىتىڭ ھەققىدە رازى قىلىمىز، سېنى غەم-قايغۇدا قالدۇرمايمىز، دېگىن
عربي الإنجليزية الأوردية
كىيىمىمنى بېرىڭلار، ئەگەر قولۇمدا مۇشۇ تىكەنلىك دەرەخلەرنىڭ سانىچە چارۋىلار بولغان بولسا، ئاراڭلاردا بۆلۈپ بەرگەن بولاتتىم، ئاندىن مېنى بىخىل، يالغانچى ۋە قورقۇنچاق دېمەيتتىڭلار
عربي الإنجليزية الأوردية
ئۇنىڭغا چىقىلماڭلار، سۈيدۈكىنىڭ ئۈستىگە بىر چېلەك سۇ قۇيىۋېتىڭلار، سىلەر ھەقىقەتەن كىشىلەرگە مۇشەققەت تۇغدۇرغۇچى ئەمەس، ئاسانلىق تۇغدۇرغۇچى بولۇپ ئەۋەتىلدىڭلار
عربي الإنجليزية الأوردية
پاچاق ياكى قول گۆشىگە تەكلىپ قىلىنساممۇ بارغان بولاتتىم
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قولى بىلەن ھېچ نەرسىنى ئۇرۇپ باققان ئەمەس، ئايالىنىمۇ، خىزمەتچىسىنىمۇ ئۇرۇپ باقمىغان، پەقەت ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغاندىلا دۈشمەننى ئۇرغان
عربي الإنجليزية الأوردية
ئاللاھنىڭ ئەلچىسى قولى بىلەن يۈزۈمنى سىلاپ، ماڭا دۇئا قىلدى. ئۇ بىر يۈز يىگىرمە يىل ياشىدى، ئۇنىڭ بېشىدا بىر نەچچە تالدىن باشقا ئاق چاچ يوق ئىدى
عربي الإنجليزية الأوردية
ھەقىقەتەن ئاللاھ مېنى ئېسىل بەندە قىلدى ۋە قوپال، تەرسا قىلمىدى
عربي الإنجليزية الأوردية
ئۇلار ماڭا ياكى مەندىن خالىغانچە سوراش ياكى مېنى بېخىللىققا چىقىرىشتىن بىرنى تاللاتقۇزدى، مەن بېخىل ئەمەسمەن
عربي الإنجليزية الأوردية
مەن ئۇخلاۋاتقاندا بۇ قىلىچىمنى غىلاپتىن چىقىرىپتۇ، ئويغانسام قىلىچ ئۇنىڭ قولىدا پارقىراپ تۇرۇپتۇ، ئۇ ماڭا: «سېنى مەندىن كىم ساقلاپ قالالايدۇ؟ » دېدى، مەن ئۈچ قېتىم: «ئاللاھ» دېدىم
عربي الإنجليزية الأوردية
ساڭا رەسۇلۇللاھ مەغپىرەت تىلىدىمۇ؟ دېسەم، ئۇ: شۇنداق ساڭىمۇ مەغپىرەت تىلىدى، دەپ بۇ ئايەتنى تىلاۋەت قىلدى: (واستغفر لذنبك وللمؤمنين والمؤمنات) تەرجىمىسى: «گۇناھىڭ ئۈچۈن، ئەر-ئايال مۆمىنلەر ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگىن» ئايەت
عربي الإنجليزية الأوردية