عن عائشة رضي الله عنها قالت: قَدِمَ نَاسٌ مِنَ الأَعْرَابِ عَلَى رَسُولِ اللهِ صلى الله عليه وسلم فقالوا: أَتُقَبِّلُونَ صِبْيَانَكُمْ؟ فقال: «نعم» قالوا: لَكِنَّا واللهِ ما نُقَبِّلُ! فقال رسولُ اللهِ صلى الله عليه وسلم : «أَوَ أَمْلِكُ إن كانَ اللهُ نَزَعَ مِنْ قُلُوبِكُم الرَّحْمَةَ!».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلغان ھەدىستە ئۇ مۇنداق دېگەن: ئەرەب بەدەۋىلىرىدىن بىر تۈركۈم كىشىلەر رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ: سىلەر باللىرىڭلارنى سۆيۈپ قويامسىلەر؟ دېگەندە رەسۇلۇللاھ: ھەئە سۆيۈپ قويىمىز، دېدى. ئۇلار بىز باللىرىمىزنى سۆيمەيمىز، دېگەن ئىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ئاللاھ تائالا سېنىڭ قەلبىڭدىن رەھمەتنى تارتىۋەتسە مەندە نېمە ئامال! دېدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

بەدەۋى ئەربلەردىن بىر تۈركۈم كىشىلەر پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ سورىدى: سىلەر باللىرىڭلارنى سۆيۈپ قويامسىلەر؟ دېگەندە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: شۇنداق، دېدىو (بەدەۋى ئەرەبلەردە قوپاللىق ۋە توڭلۇق ئادىتى بار ئىدى)، ئۇلار: بىز باللىرىمىزنى سۆيۈپ قويمايمىز، دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ئاللاھ تائالا قەلبىڭلاردىن رەھىمدىللىكنى تارتىۋەتسە، مەن ئۇنى قەلبىڭلارغا سېلىشقا، ئورنۇتۇشقا قادىر بولالمايمەن، دېدى. «دەلىل ئەلفالىھين» 3-توم 9-10- بەت «رىيازۇس سالىھين» ئىبنى ئۇسەيمىين2- توم 553،554- بەتلەر

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى كۇردچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش