عن عبدِ اللهِ بنِ بُسْرٍ رضي الله عنه قال: كان للنبيِّ صلى الله عليه وسلم قَصْعَةٌ يقالُ لها: الغَرَّاءُ يحملها أَرْبَعَةُ رِجَالٍ؛ فلما أَضْحَوْا وسَجَدُوا الضُّحَى أُتِيَ بتلك القَصْعَةِ -يعني وَقَدْ ثُرِدَ فيها- فالتَفُّوا عليها، فلَمَّا كَثُرُوا جَثَا رسولُ اللهِ صلى الله عليه وسلم فقال أعرابيٌّ: ما هذه الجِلْسَةُ؟ فقال رسولُ اللهِ صلى الله عليه وسلم : «إِنَّ اللهَ جَعَلَنِي عَبْدًا كَرِيمًا، ولم يَجْعَلْنِي جَبَّارًا عَنِيدًا»، ثم قال رسولُ اللهِ صلى الله عليه وسلم : «كُلُوا مِنْ حَوَالَيْهَا، ودَعُوا ذِرْوَتَهَا يُبَارَكْ فِيهَا».
[صحيح] - [رواه أبو داود وابن ماجه]
المزيــد ...

ئابدۇللاھ ئىبنى بۇسرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ «غەررا» دەپ ئاتىلىدىغان بىر قاچىسى بار بولۇپ، ئۇنى تۆت ئەر كۆتىرەتتى. بىر كۈنى كۆپچىلىك چاشگاھ نامىزى ئوقۇپ بولغاندا ئۇ قاچا نان چىلانغان شورپا بىلەن كەلتۈرۈلدى. ساھابىلار ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولاشتى. ئادەم كۆپ بولغاچقا رەسۇلۇللاھ يۈكۈنۈپ ئولتۇردى. بىر ئەئرابى: بۇ قانداق ئولتۇرۇش؟ دېگەندە، رەسۇلۇللاھ: «ھەقىقەتەن ئاللاھ مېنى ئېسىل بەندە قىلدى ۋە قوپال، تەرسا قىلمىدى» دېدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم: «قاچىنىڭ چۆرىلىرىدىن يەپ، ئۈستىنى قويۇپ تۇرۇڭلار، ئۈستىگە بەرىكەت بېرىلىدۇ» دېدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ «غەررا» دەپ ئاتىلىدىغان، تۆت ئەر كۆتىرىدىغان بىر قاچىسى بار ئىدى. بىر كۈنى چاشگاھ ۋاقتىدا، كۆپچىلىك چاشگاھ نامىزى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇ قاچىدا نان چىلانغان شورپا كەلتۈرۈلدى. ساھابىلار ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولاشتى. ئادەمنىڭ كۆپلۈكىدىن رەسۇلۇللاھ قېرىنداشلىرىغا ئورۇن ھازىرلاش ئۈچۈن يۈكۈنۈپ ئولتۇردى. سورۇندىكى بىر ئەئرابى رەسۇلۇللانىڭ كەمتەرلىك بىلەن ئولتۇرىشىنى كۆرۈپ: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، نېمىشقا بۇنداق ئولتۇردىلا؟ دېدى، رەسۇلۇللاھ: «ھەقىقەتەن ئاللاھ مېنى ئېسىل بەندە قىلدى ۋە قوپال، تەرسا قىلمىدى» دېدى. رەسۇلۇللاھ چوڭچى، ھاكاۋۇر ئەمەس ئىدى. ئاندىن يەنە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارغا: ئۈستىنى قويۇپ، ئەتراپىدىن يەڭلار، ئۈستىگە بەرىكەت بېرىلىدۇ، دەپ، ئەتراپىدىن يەپ، ئۈستىنى قويۇپ تۇرۇشقا بۇيرىدى ۋە ئۇنىڭ تائامدىكى بەرىكەتنىڭ سەۋەپلىرىدىن ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بەردى

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش