عن أبي هريرة رضي الله عنه أن رسول الله صلى الله عليه وسلم قال:
«كُلُّ أُمَّتِي يَدْخُلُونَ الْجَنَّةَ إِلَّا مَنْ أَبَى»، قَالُوا: يَا رَسُولَ اللهِ، وَمَنْ يَأْبَى؟ قَالَ: «مَنْ أَطَاعَنِي دَخَلَ الْجَنَّةَ، وَمَنْ عَصَانِي فَقَدْ أَبَى».
[صحيح] - [رواه البخاري]
المزيــد ...
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
ئۈممىتىمنىڭ ھەممىسى جەننەتكە كېرىدۇ، پەقەت باش تارتقانلار بۇنىڭ سىرتىدا دېدى، ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! كىم باش تارتىدۇ؟ دېگەن ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:« ماڭا ئىتائەت قىلغان كىشى جەننەتكە كېرىدۇ، ماڭا ئاسىيلىق قىلغان كىشى جەننەتكە كېرىشتىن باش تارتىدۇ» دېدى.
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۈممىتىنىڭ ھەممىسىنىڭ جەننەتكە كېرىدىغانلىقى، پەقەت باش تارتقانلارنىڭ كىرمەيدىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى.
ساھابىلار -ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن-ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! كىم باش تارتىدۇ؟ دېدى.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارغا جاۋاپ بېرىپ: «كىمكى ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا بويسۇنۇپ ئۇنىڭغا ئەگىشىدىكەن، ئىتائەت قىلىدىكەن جەننەتكە كىردى، كىمكى ئاسىيلىق قىلىدىكەن، شەرىئەتنىڭ پىرىنسىپىغا بويسۇنمايدىكەن، ناچار ئەمەللىرى بىلەن جەننەتكە كېرىشتىن باش تارتتى دېدى».