عن أبي سعيد الخدري رضي الله عنه مرفوعاً: «كَيْفَ أَنْعَمُ! وصَاحِبُ القَرْنِ قَدِ التَقَمَ القَرْنَ، واسْتَمَعَ الإِذْنَ مَتَى يُؤْمَرُ بالنَّفْخِ فَيَنْفُخُ»، فَكَأَنَّ ذَلِكَ ثَقُلَ على أصحابِ رسولِ اللهِ صلى الله عليه وسلم فقال لهم: «قُولُوا: حَسْبُنَا اللهُ ونِعْمَ الوَكِيلُ».
[صحيح] - [رواه الترمذي وأحمد]
المزيــد ...

ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: «قانداقمۇ خۇشال بولغىلى بولسۇن! ھالبۇكى سۈر چېلىشقا مەسئۇل پەرىشتە سۈرنى چېلىش ئۈچۈن ئاغزىغا ئېلىپ تەييار ھالەتتە تۇرۇپ، سۈر چېلىش ئۈچۈن بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرماقتا» دېگەندە، بۇ ئەھۋال ساھابىلەرگە ئېغىر كەلگەندەك بولدى. شۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا: «ئاللاھ بىزگە كۇپايە، ئاللاھ نېمە دېگەن ياخشى ئىگە!» دەڭلار دەپ كۆرسەتمە بەرگەن.
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «قانداقمۇ خۇشال بولغىلى بولسۇن! ھالبۇكى سۈر چېلىشقا مەسئۇل پەرىشتە سۈرنى چېلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىپ ئاغزىغا ئېلىپ تەييار تۇرۇپ، سۈر چېلىش ئۈچۈن بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرماقتا» دېگەندە، بۇ گەپ ساھابىلەرگە قاتتىق ئېغىر كەلگەندەك تۇيۇلدى. شۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا تەسەللى بېرىپ: «ئاللاھ بىزگە كۇپايە، ئاللاھ نېمەدېگەن ياخشى ئىگە» دەڭلار دېگەن.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ھائۇساچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ