عَنْ أَبِي بَرْزَةَ الأَسْلَمِيِّ رضي الله عنه قَالَ: قَالَ رَسُولُ اللهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ:
«لَا تَزُولُ قَدَمَا عَبْدٍ يَوْمَ القِيَامَةِ حَتَّى يُسْأَلَ عَنْ عُمُرِهِ فِيمَا أَفْنَاهُ، وَعَنْ عِلْمِهِ فِيمَ فَعَلَ، وَعَنْ مَالِهِ مِنْ أَيْنَ اكْتَسَبَهُ وَفِيمَ أَنْفَقَهُ، وَعَنْ جِسْمِهِ فِيمَ أَبْلَاهُ».
[صحيح] - [رواه الترمذي] - [سنن الترمذي: 2417]
المزيــد ...
ئەبى بەرزەتەل ئەسلەمىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«ئىنسان قىيامەت كۈنىدە ئۆزىنىڭ ئۆمرىنى نېمىگە سەرىپ قىلدى، ئۈگەنگەن ئىلىمىگە قانچىلىك ئەمەل قىلدى، مال-دۇنياسىنى قەيەردىن تاپتى ۋە نېمە ئىشلارغا چېقىم قىلدى، جىسمىنى نېمە ئىشلار بىلەن خورۇتتى؟ بۇنىڭدىن سورىلىدۇ؟».
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان] - [سۈنەن تىرمىزى - 2417]
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ھەدىستە: ئىنسانلاردىن ھەر بىر كىشىنىڭ قىيامەت كۈنىدە تۆۋەندىكى ئىشلاردىن سورالماي تۇرۇپ ھېساپ مەيدانىدىن جەننەتكە ياكى دوزاخقا ئۆتۈپ كەتمەيدىغانلىقىدىن خەۋەر بېرىدۇ.
بىرىنچى: ھاياتىنى نېمە ئىشلار بىلەن ئاخىرلاشتۇردى؟.
ئىككىنچى: ئۈگەنگەن ئىلمى بىلەن ئاللاھ رازىلىقىنى تەلەپ قىلدىمۇ؟، بىلگىنىگە يارىشا ئەمەل قىلدىمۇ؟، ئىلىمنى كىشىلەرگە يەتكۈزدىمۇ؟.
ئۈچىنچى: مال-دۇنيانى قەيەردىن تاپتى، ھالالدىنمۇ ياكى ھارامدىنمۇ؟، مالنى ئاللاھ رازى بولىدىغان ئىشلارغا سەرپ قىلدىمۇ ياكى ئاللاھ غەزەپ قىلىدىغان ئىشلارغا سەرپ قىلدىمۇ؟.
تۆتىنچى: جىسمىنى، كۈچ-قۇۋۋىتىنى، ساقلىقىنى، ياشلىقىنى نېمە ئىشلار بىلەن يوق قىلدى ۋە نېمىگە سەرپ قىلدى؟.