ئەسەر تۈزۈش: ئەقىدە ئىلمى .

عن أبي موسى رضي الله عنه قال: قال رسول الله صلى الله عليه وسلم:
«إِنَّ اللهَ لَيُمْلِي لِلظَّالِمِ، حَتَّى إِذَا أَخَذَهُ لَمْ يُفْلِتْهُ» قَالَ: ثُمَّ قَرَأَ: «{وَكَذَلِكَ أَخْذُ رَبِّكَ إِذَا أَخَذَ الْقُرَى وَهِيَ ظَالِمَةٌ إِنَّ أَخْذَهُ أَلِيمٌ شَدِيدٌ}[هود: 102]»

[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئەبى مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا زالىمغا مۆھلەت بېرىدۇ، ھەتتا ئۇنى تۇتقاندا ھەرگىز قويۇپ بەرمەيدۇ» ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئايەتنى ئوقۇدى:«وَكَذَلِكَ أَخْذُ رَبِّكَ إِذَا أَخَذَ الْقُرَى وَهِيَ ظَالِمَةٌ إِنَّ أَخْذَهُ أَلِيمٌ شَدِيدٌ» تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارىڭ زالىم يۇرتلار (ئاھالىسى) نى ھالاك قىلسا، ئەنە شۇنداق ھالاك قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن تولىمۇ قاتتىقتۇر» [سۈرە ھۇد 102-ئايەت].

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام گۇناھ-مەسىيەت،شېرىك، كىشىلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىدا زۇلۇم قىلىپ ھەددىدىن ئېشىشتىن ئاگاھلاندۇردى، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا زالىمغا مۆھلەت بېرىدۇ، ئازابنى كېچىكتۈرىدۇ، ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلىدۇ، مال-دۇنياسىنى كۆپ قىلىدۇ، ئۇنى جازالاشقا ئالدىرىمايدۇ، شۇنداقتىمۇ تەۋبە قىلمىسا، ئۇنى مەھكەم تۇتىدۇكى ھەرگىز قويىۋەتمەيدۇ، زۇلۇمنى كۆپ قىلغانلىقى ئۈچۈن بوش قويمايدۇ.
ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ئايەتنى تىلاۋەت قىلدى:«وَكَذَلِكَ أَخْذُ رَبِّكَ إِذَا أَخَذَ الْقُرَى وَهِيَ ظَالِمَةٌ إِنَّ أَخْذَهُ أَلِيمٌ شَدِيدٌ»تەرجىمىسى:«پەرۋەردىگارىڭ زالىم يۇرتلار (ئاھالىسى) نى ھالاك قىلسا، ئەنە شۇنداق ھالاك قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن تولىمۇ قاتتىقتۇر» [سۈرە ھۇد 102-ئايەت].

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە ياپونچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. ئەقىللىق كىشى تەۋبە قىلىشقا ئالدىرىشى كېرەك، چۈنكى ئاللاھ تائالا زالىمنى چوقۇم جازالايدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئازابىدىن خاتىرجەم بولغىلى بولمايدۇ.
  2. ئاللاھ تائالا زالىملارغا مۆھلەت بېرىشى، ئۇلارنى جازالاشقا ئالدىرىماسلىقى، ئۇلارنى تەدرىجى جازالاش ئۈچۈن بولۇپ، ئەگەر ئۇلار تەۋبە قىلمىسا ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ھەسسىلەپ ئازابلايدۇ.
  3. زۇلۇم ئاللاھ تائالانىڭ ئۈممەتلەرنى جازالاشنىڭ سەۋەپلىرىدىندۇر.
  4. ئاللاھ تائالا بىر يۇرت ئەھلىنى ھالاك قىلسا، ھالاك قىلىنغان يۇرتتا سالىھ كىشىلەرمۇ بولىدۇ، ئۇلار قىيامەت كۈنى ئۆزى ۋاپات بولغان ھالەتتىكى ياخشىلىق ئۈستىدە تىرگۈزىلىدۇ، ئۇلارغا ھەممىگە ئومۇم بولغان ئازاب زەرەر يەتكۈزمەيدۇ.