عن عبد الله بن عمرو رضي الله عنهما يبلغ به النبي صلى الله عليه وسلم : «الرَّاحمون يرحَمُهمُ الرحمنُ، ارحموا أهلَ الأرضِ، يرحمْكم مَن في السماءِ».
[صحيح] - [رواه أبو داود والترمذي وأحمد]
المزيــد ...

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: رەھىم قىلغۇچىلارغا راھمان تائالا رەھىم قىلىدۇ. سىلەر زېمىن ئەھلىگە رەھىم قىلىڭلار، سىلەرگە ئاسماندىكى زات رەھىم قىلىدۇ
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

زېمىندىكى ھەر قانداق ھەققى - ھۆرمىتى بولغان ئىنسانلار ۋە ھايۋانلارغا ئىچ ئاغرىتىش، ياخشىلىق قىلىش ۋە تەسەللى بىرىش ئارقىلىق رەھىم قىلغۇچىلارغا «راھمان تائالا رەھىم قىلىدۇ». رەھىم قىلىش دېگەن سۆز چۈشىنىشلىك بولۇپ، ئۇ ئاللاھنىڭ ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىپ، ئۆزىنىڭ پەزلى كەرەمىدىن ئاتا قىلغانلىقىدۇر، چۈنكى جازا- مۇكاپات دېگەن قىلغان ئەمەلنىڭ تۈرىدىن بولىدۇ. «زېمىندىكىلەرگە رەھىم قىلىڭلار! »، بۇ يەردە ئومۇملۇقنى ئىپادىلەيدىغان سۆزنى كەلتۈرۈشى تۈرلۈك مەخلۇقاتلارنىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىش ئۈچۈندۇر، شۇڭا ياخشى - يامان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە، ۋە يىرتقۇچ ھايۋاندىن تارتىپ ئۇچار- قۇشلارغىچە رەھىمدىللىك قىلىنىدۇ. «سىلەرگە ئاسماندىكى زات رەھىم قىلىدۇ»، يەنى: ئاسماندىكى ئاللاھ سىلەرگە رەھىم قىلىدۇ. «ئاسماندىكى زات» دېگەن سۆزنى «ئاللاھنىڭ پەرىشتىسى ياكى باشقىلار» دەپ شەرھىلەشكە بولمايدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىنىڭ مەخلۇقاتلىرىغا ئۈستۈن ئىكەنلىكى قۇرئان كەرىم، ھەدىس ۋە ئۇممەتنىڭ بىرلىككە كېلىشى ئارقىلىق ئىسپاتلانغان مەسىلىدۇر. بىزنىڭ «ئاللاھ ئاسماندا» دېگىنىمىز «ئاسمان ئاللاھنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» ياكى «ئاللاھ ئاسماننىڭ ئىچىدە» دېگەنلىك ئەمەس، ئاللاھ تائالا ئۇنداق بولۇشتىن ئۈستۈندۇر، بەلكى، «في» دېگەن ھەرپ «على» دېگەن ھەرپنىڭ مەناسىدە كەلگەن، يەنى: «ئاسماننىڭ ئۈستىدە پۈتۈن مەخلۇقاتلىرىدىن ئۈستۈن» دېگەن مەنىدىدۇر

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە ياپونچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ