عن أبي هريرة رضي الله عنه قال: قال رسول الله صلى الله عليه وسلم:
«مَنْ أَنْظَرَ مُعْسِرًا، أَوْ وَضَعَ لَهُ، أَظَلَّهُ اللهُ يَوْمَ الْقِيَامَةِ تَحْتَ ظِلِّ عَرْشِهِ يَوْمَ لَا ظِلَّ إِلَّا ظِلُّهُ».

[صحيح] - [رواه الترمذي وأحمد]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«كىمكى قەرزدارغا مۆھلەت بەرسە ياكى ئۇنىڭدىن قەرزنى ئۆتىۋەتسە، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى ئۆزىنىڭ ئەرشىنىڭ سايىسىدىن باشقا سايە بولمىغان قىيامەت كۈنىدە ئەرشنىڭ سايىسى ئاستىدا سايىدىتىدۇ».

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قەرزدارغا مۆھلەت بەرگەن ياكى ئۇنىڭدىن قەرزنى ئۆتىۋەتكەن كىشىنىڭ ئېرىشىدىغان مۇكاپاتى توغرىسىدا: ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى قۇياش ئىنسانلارنىڭ بېشىغا يىقىن بولۇپ، ئۇنىڭ ھارارىتى كۈچلۈك بولىدىغان قىيامەت كۈنىدە ئۆزىنىڭ ئەرشىنىڭ سايىسى ئاستىدا سايىدىتىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەردى. بۇ كۈندە ئاللاھ سايىداتقان كىشىدىن باشقا ھېچ قانداق بىر كىشى سايىدايدىغان بىر سايە تاپالمايدۇ.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە ياپونچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە ئاسانچىلىق يارىتىپ بېرىشنىڭ پەزىلىتى بولسا، ھەقىقەتەن بۇ قىيامەتنىڭ دەھشىتىدىن قۇتۇلۇشنىڭ سەۋەبلىرىدىندۇر.
  2. جازا-مۇكاپات قىلغان ئىشنىڭ تۈرىدىن بولىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ