عن أبي هريرة -رضي الله عنه- قال: قال رسول الله -صلى الله عليه وسلم-: «مَنْ احْتَبَسَ فَرَسًا في سَبِيل الله، إيمانًا بالله، وتَصْدِيقًا بِوَعْدِه، فإن شِبَعَهُ وريَّه ورَوْثَهُ وبَوْلَه في مِيْزَانه يوم القيامة».
[صحيح.] - [رواه البخاري.]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئاللاھغا بويسۇنۇپ ۋە ئۇنىڭ ۋەدىسىگە ئىشىنىپ ئاللاھ يولىدا بىر ئات تەييارلىسا، قىيامەت كۈنى ئۇ ئاتنىڭ يېگىنى ۋە ئىچكىنى، تېزەكلىگىنى ۋە سىيگەنلىرىدىن تارتىپ ئۇ كىشىنىڭ ياخشىلىق تارازىسىغا چۈشىدۇ»
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

شەرھىسى

ھەدىسنىڭ مەنىسى: كىمكى ئاللاھنىڭ رازىلىقى كۆزلەپ ۋە مەرھىمىتىگە ئېرىشىشنى مەقسەت قىلىپ، ئاللاھنىڭ ۋەدىسىگە ئىشىنىپ ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش ئۈچۈن بىر ئات تەييار قىلغان كىشى توغرىسىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ يولىدا ھەرقانداق نەرسە سەرپ قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ئۇنىڭ ئەجرىنى تولۇقلاپ بېرىدۇ» شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا ئۇ ئاتنىڭ يېگەن، ئىچكەن، ھەتتا تېزەك ۋە سۈيدۈكلىرىنىمۇ قىيامەت كۈنىدە ئۇ كىشىنىڭ ياخشىلىق مىزانىدا قىلىدۇ. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ئۇزۇن ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئات ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ؛ ئۇ بەزى كىشىلەر ئۈچۈن گۇناھ ئېلىپ كېلىدۇ، بەزى كىشىلەرنىڭ ھاجىتىنى قامدايدۇ، بەزى كىشىلەر ئۈچۈن ساۋاپ ئېلىپ كېلىدۇ. ئىگىسىگە ساۋاپ ئېلىپ كېلىدىغان ئات ئىسلام ئۈچۈن ئاللاھنىڭ يولىدا ئوتلاققا باغلاپ قويۇلغان ئاتتۇر، ئۇنىڭ ئوتلاقتىن يېگەن بىر تال ئوت ياكى تېزەكلىگەن بىر تال تېزەك ياكى سىيگەن بىر قېتىملىق سۈيدىكىگىمۇ نۇرغۇنلىغان ساۋاپ بېرىلىدۇ، ئارغامچىسىنى ئۈزۈۋېلىپ ئۇياق-بۇياققا يۈگۈرگەن ۋاقتىدا دەسسىگەن بىر تال قەدىمىگىمۇ، تېزەكلىگەن بىر تال تېزىكىگىمۇ ئاللاھ تائالا نۇرغۇن ساۋاپ يازىدۇ، ئىگىسىنىڭ ئۇنى سۇغۇرۇش نىيىتى يوق ھالەتتە، ئۇنى ئېرىقتىن ئۆتكۈزۈپ كېتىپ بارغان چاغدا ئۇنىڭ ئېرىقتىن ئىچىپ قالغان ھەر-بىر يۇتۇم سۈيى ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە نۇرغۇنلىغان ساۋابنى يازىدۇ. بىرلىككە كەلگەن ھەدىس

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش