عن ابن عباس رضي الله عنهما قال: قال رسول الله صلى الله عليه وسلم:
«ما مِنْ أيَّامٍ العمَلُ الصَّالِحُ فيها أحبُّ إلى اللهِ مِن هذه الأيام» يعني أيامَ العشر، قالوا: يا رسُولَ الله، ولا الجهادُ في سبيلِ الله؟ قال: «ولا الجهادُ في سبيلِ الله، إلا رجلٌ خَرَجَ بنفسِه ومالِه فلم يَرْجِعْ من ذلك بشيءٍ».

[صحيح] - [رواه البخاري وأبو داود، واللفظ له]
المزيــد ...

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئاۋۋالقى ئون كۈنىدە قىلىنغان ياخشى ئەمەللەردىنمۇ بەكرەك ئاللاھقا ياخشى كۆرۈلىدىغان ئەمەل يوقتۇر، ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشتىنمۇ ئەۋزەلمۇ؟ دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشتىنمۇ ئەۋزەل، لېكىن بىر كىشى ئۆزىنىڭ جېنى بىلەن ۋە مېلى بىلەن ئاللاھ يولىدا چىقىپ قايتمىغان بولسا بۇنىڭ ساۋابى ئارتۇق بولىدۇ ئەلۋەتتە،» دېدى.

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئاۋۋالقى ئون كۈنىدە قىلىنغان ياخشى ئەمەللەرنىڭ ئەجىر-ساۋابى، يىلنىڭ باشقا كۈنلىرىدە قىلىنغان ياخشى ئەمەللەرنىڭ ئەجىر-ساۋابىدىن ئەۋزەل بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى.
ساھابىلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن: بۇ ئون كۈندىن باشقا ۋاقىتتا ئاللاھ يولىدا قىلىنغان جىھادنىڭ ئەجىر-ساۋابى ئەۋزەلمۇ ياكى مۇشۇ ئون كۈندە قىلىنغان ياخشى ئەمەللەرنىڭ ئەجىر ساۋابى ئەۋزەلمۇ؟ دەپ سورىدى، چۈنكى ئۇلارنىڭ چۈشەنچىسىگە ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش ھەممە ئەمەللەردىن ئەۋزەل دېگەن ئۇقۇم ئورۇنلاشقان ئېدى.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارغا جاۋاپ بېرىپ: مۇشۇ ئون كۈندە قىلىنغان ياخشى ئەمەللەرنىڭ ئەجىر-ساۋابى بۇ ئون كۈننىڭ غەيرىدە قىلىنغان جىھادتىنمۇ ئەۋزەل بولىدىغانلىقى، لېكىن بىر كىشى ئاللاھ يولىدا مېلى بىلەن ئۆزىنى خەتەرگە تەييارلاپ جىھادقا چېقىپ، مېلىنى چېقىم قىلىپ ئۆزى ئاللاھ يولىدا شېھىت بولۇپ كەتكەن بولسا بۇنىڭ ئەجىر-ساۋابىنىڭ كاتتا بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. مۇشۇنداق قىلسا بۇنىڭ ئەجىر-ساۋابى مۇشۇ ئون كۈندە قىلىنغان ياخشى ئەمەللەرنىڭ ئەجىر-ساۋابىدىن كاتتا بولىدۇ.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە ياپونچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئاۋۋالقى ئون كۈنىدە قىلىنغان ياخشى ئەمەللەرنىڭ ئەجىر-ساۋابى ئارتۇق بولغانلىقى ئۈچۈن، مۇسۇلمان كىشى بۇ كۈنلەرنى غەنىمەت بېلىپ، تائەت-ئىبادەتلەرنى، زىكىر -تەسبىھلەرنى، قۇرئان تىلاۋېتى، تەكبىر، تەھلىل، تەمھىيد، ناماز، سەدىقە، روزا قاتارلىق ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قىلىشى كېرەك.